باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

شىۋېتسارىيە مۇساپىرلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى يۇقىرىغا تاپشۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى

2016.01.18 13:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چەتئەل تاراتقۇسىنىڭ 16-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتى پاناھلىق ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن ئۆزىنىڭ 1000 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن مال-مۈلكىنى يۇقىرىغا تاپشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ شىۋېيتسارىيەدە تۇرغان مەزگىلدىكى ھەر تۈرلۈك چىقىملىرىغا ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان. شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتى بۇ تۈرلۈك سىياسەتنىڭ شىۋېيتسارىيە سايلىغۇچىلىرىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى دانىيەمۇ مۇشۇ خىلدىكى ئىشنى قىلىپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. لېكىن شىۋېيتسارىيە بۇ تەدبىرنى ئاقلىغان. شىۋېيتسارىيە پاناھلىق ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ چېگرىدىن كىرگەندە مال-مۈلكىنى مەلۇم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، 1000 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن ھەرقانداق مال-مۈلۈك يىغىۋېلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇلتۇر 30 مىڭغا يېقىن پاناھلىق ئىلتىماسى ئىچىدە ئاران 100 نەپەر ئىلتىماس قىلغۇچى مال-مۈلكىنى يۇقىرىغا تاپشۇرغان. شىۋېيتسارىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى (SRF) نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، دائىرىلەر 2015-يىلى 112 ئادەمدىن 210 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئالغان.

  نامايىشچىلار يەنە گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىلنى تەنقىد نىشانى قىلىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ مۇساپىرلارغا بولغان ئەركىن مەيدانى ئارقىلىق مۇساپىرلارنىڭ گېرمانىيەدە خالىغانچە ئەسكىلىك قىلىشىغا يول قويدى، دەپ ئەيىبلىدى.

  بىر سۇرىيەلىك مۇساپىر شىۋېيتسارىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ئۆيىنى سېتىپ، پۇلنى چېگرىدىن ئۆتكۈزۈپ قويغان ۋاستىچىغا بېرىپ، ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىدىن قېچىپ چىققانلىقىنى، لېكىن شىۋېيېتسارىيەگە كەلگەندىن كېيىن قالغان پۇلىنىڭمۇ يىغۋېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا 2000 فوندستېرلىڭ پۇلى بارلىقىنى ئېيتىپ: «سيۇرىختا بىز ساقچىلارنىڭ كونتروللۇقىغا چۈشۈپ قالدۇق، ئۇلار بىزنىڭ بارلىق پۇلىمىزنى ئېلىپ كەتتى» دېدى. بۇ مۇساپىر يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇلار بىزگە بىر تالون بەردى ھەمدە بۇ پۇللارنى بىزگە قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى، لېكىن ھازىرغىچە پۇلنى قايتۇرۇپ بەرمىدى.» شىۋېيتسارىيە مۇساپىرلار كومىتېتىدىكى فىرېي بۇ ئىشنى «ئوچۇق-ئاشكارا بۇلاڭچىلىق» دېدى. لېكىن شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتى بۇ سىياسەتنىڭ شىۋېيتسارىيە سايلىغۇچىلىرىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھۆكۈمەت باياناتچىسى شىۋېيتسارىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا مۇنۇلارنى ئېيتتى: شىۋېيتسارىيە قانۇنىغا مال-مۈلكى بار مۇساپىرلارنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسى سۇنغاندا چوقۇم يۇقىرىغا پۇل تاپشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى ھەر تۈرلۈك چىقىملىرىغا ئىشلىتىشى ئېنىق يېزىلدى.

  دانىيە مۇشۇ خىلدىكى تەدبىر قوللانغان. دانىيە ھۆكۈمىتى 12-يانۋار سۇنۇلغان قانۇن تۇرغۇزۇش لايىھەسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، دانىيە دائىرىلىرىنىڭ كۆچمەنلەردىكى 1340 ياۋرو قىممىتىدىن ئېشىپ كەتكەن نەق پۇل ھەمدە باشقا مال-مۈلۈكلەرنى مۇسادىرە قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى. لېكىن توي ئۈزۈكى ۋە باشقا بىر قىسىم ئەسلىمە قىممىتىگە بۇيۇملار بۇنىڭ ئىچىدە ئەمەس. ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى بۇ خىل قىلمىشلارنى تەنقىد قىلدى. لېكىن دانىيەنىڭ بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مىنىستىرى، مۇساپىرلارغىمۇ ئىشسىز قالغان دانىيە پۇقرالىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى، شۇ يەردىكى كىشىلەرمۇ پاراۋانلىققا ئېرىشمەكچى بولسا، چوقۇم مۇئەييەن قىممەتتىكى مال-مۈلكىنى سېتىۋېتىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. دانىيە پارلامېنتى بۇ تەكلىپكە قارىتا بەس-مۇنازىرە قىلدى، ئېيتىشلارغا قارىغاندا مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرى تەكلىپ لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر