باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 13-يانۋار گوۋۇەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2016.01.15 13:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 13-يانۋار گوۋۇەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، بىر تۈركۈم ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، بازارنىڭ ھاياتى كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتىشنى قارار قىلدى. يىغىندا: ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان «يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرىنى بېكىتىشنى باشقۇرۇش چارىسى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئوتتۇرا ۋە كىچىك كارخانىلارغا تېخىمۇ كۆپ ئېتىبار بېرىش بېكىتىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت كۈچىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى ئۈزلۈكسىز يېنىكلىتىپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش يولىدىكى توسالغۇلارنى تازىلاپ، سەھنە ھازىرلاش- تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش، ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىر. يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: 1) گوۋۇيۈەن بېكىتكەن مەركەز كۆرسەتكەن يەرلىكنىڭ تەستىقلاش تۈرلىرىنى رەتكە سېلىش تەلىپى بويىچە، بۇلتۇر بىر قىسىم تەستىقلاش تۈرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئاساستا، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئىلتىماس قىلىش شەكلىنى تەكشۈرۈش، يەرلىك كارخانىلارنىڭ كارخانا زايومى تارقىتىشىدىكى تارماق ئالدىن تەكشۈرۈشى قاتارلىق 150 خىلدىن ئارتۇق تەستىقلاش تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىلىدۇ. 2) ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشقا توسالغۇ بولۇۋاتقان يەنە 10 نەچچە بۆلۈم مەمۇرىي ئىجازەتنامىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ . 3) ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى تەستىقلاش ئورگانلىرى تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىشنى ھاۋالە قىلىش ھەمدە خىراجىتىنى ئۈستىگە ئېلىش قاتارلىق شەكىللەرگە ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، يەنە 192 تۈرلۈك ۋاستىچىلىك مۇلازىمىتى رەتكە سېلىنىدۇ. 4) ئاشخانا، قەھۋەخانا، مەيخانا، چايخانا قاتارلىق تۆت تۈرلۈك يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى ئاممىۋىي سورۇنلىرىنىڭ تازىلىق ئىجازەتنامىسى بىلەن يېمەكلىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىجازەتنامىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، يېمەكلىك، دورا نازارەتچىلىك قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىبارەت بىرلا ئورۇننىڭ ئىجازىتىنى ئېلىپ، بىر تۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھەمدە مۇناسىپ مەمۇرىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كاپالىتى مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرىلىدۇ. 5) بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان 4 تۈركۈم كەسپىي سالاھىيەت ئىجازىتى ۋە بېكىتىلگەن تۈرلەر ئاساسىدا، يەنە ئاپتوموبىل ساتقۇچى، قەھۋەچى، ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرغۇچى قاتارلىق 61 تۈر ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يىغىندا كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ۋە يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن كۈچىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە ئۈنۈملۈك قويۇپ بېرىش ۋە باشقۇرۇش ئۈچۈن، 66 تۈرلۈك مەمۇرىي قانۇن بەلگىلىمىنىڭ ئالاقىدار ماددىلىرىغا بىر قاتار تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەمدە تارماقلارنىڭ نازارەتچىلىك قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىشنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرىدىكى نازارەتچىلىك قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قارار قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر