باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەرەب ئەللىرىگە بولغان تۇنجى سىياسىي ھۆججەتنى ئېلان قىلدى

2016.01.14 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى 13-يانۋار «جۇڭگونىڭ ئەرەب ئەللىرىگە بولغان سىياسىي ھۆججىتى»نى ئېلان قىلدى، بۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرەب ئەللىرىگە قارىتا تۈزگەن تۇنجى سىياسىي ھۆججىتى.

  ھۆججەت جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئەسلەش ۋە خۇلاسىلەش ئاساسىدا، جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېتەكچى پرىنسىپىنى شەرھلەپ، جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىش خەرىتىسىنى سىزىپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچ، مۇقىملىقىغا كۈچ چىقىرىشتەك سىياسىي ئارزۇسىنى بايان قىلىپ، جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىگە ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

  ھۆججەت «مۇقەددىمە»دىن باشقا، يەنە «ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئورتاق تەرەققىي قىلىۋاتقان جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى»، «جۇڭگونىڭ ئەرەب ئەللىرىگە بولغان سىياسىتى»، «جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش»، «جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەرىكەتلەر»، «جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ رايونلۇق تەشكىلات مۇناسىۋىتى» قاتارلىق بەش بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ھۆججەتتە مۇنۇلار تەكىتلەندى: جۇڭگو، ئەرەب ئەللىرى بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى دوستلۇققا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىدۇ ۋە ئەۋج ئالدۇرىدۇ، جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەدىكى ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق، ئورتاق تەرەققىي قىلىشتەك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، رايون شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچ، مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدۇ. ( شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر