- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق مۇقىم ياخشىلىنىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك
2016.01.15 11:11 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ئاپتونوم رايون 14 – يانۋار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، 2015 – يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلىدى، 2016 – يىللىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى ھەم تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئىسلاھ قىلىش – يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىخەتەرلىكنى قانۇن بويىچە ساقلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەتتىكى ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتىپ، بىر قەدەر چوڭ ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى كونترول قىلىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي چەكلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق مۇقىم ياخشىلىنىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
2015 – يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى مۇقىم، ياخشى بولۇش ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، ‹‹ئۈچ داۋاملىق تۆۋەنلەش›› ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بىرىنچى، ھادىسە ئومۇمىي مىقدارى داۋاملىق تۆۋەنلىدى، ئاپتونوم رايون بويىچە تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسىدىن 1513 ى يۈز بېرىپ، 953 ئادەم ئۆلۈپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.08 ۋە %7.39 تۆۋەنلىدى. ھادىسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئۇدا ئون يىل تۆۋەنلىدى. ئىككىنچى، بىر قەدەر چوڭ ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشى داۋاملىق تۆۋەنلىدى، بىر قەدەر چوڭ ھادىسىدىن 47 سى يۈز بېرىپ، 184 ئادەم ئۆلۈپ، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.07 تۆۋەنلىدى. ئۈچىنچى، تۆت تۈرلۈك نىسپىي كۆرسەتكۈچ داۋاملىق تۆۋەنلىدى، 100 مىليون يۈەنلىك GDP يارىتىشتىكى ھادىسىدە ئۆلۈش نىسبىتى، زاۋۇت، كان، سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 100 مىڭ كىشى ئىچىدىكى ھادىسىدە ئۆلۈش نىسبىتى، يول قاتنىشى ھادىسىسىدە 10 مىڭ ئاپتوموبىل ئىچىدىكى ئۆلۈش نىسبىتى، كۆمۈر كانلارنىڭ مىليون توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ھادىسىدە ئۆلۈش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.09، %26.04، %3.76 ۋە %68.84 تۆۋەنلىدى.
يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى يەنىلا ئىنتايىن كەسكىن بولۇۋاتىدۇ، ھادىسە كۆپ يۈز بېرىش، ئاسان يۈز بېرىش ئەھۋالى تېخىچە ئۈنۈملۈك تىزگىنلەنمىدى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈلمەسلىك، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئاساسى ئاجىز بولۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا نەزەردىن ساقىت رايون مەۋجۇت بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك مەسىلىلەرگە يەنىلا دۇچ كەلمەكتە.
شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل تۆۋەندىكى سەككىز تۈرلۈك خىزمەتنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەش كېرەك: بىرىنچى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ ئىككىنچى، قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپچىقىرىشقا زەربە بېرىش ۋە بەلگىلىمە، قائىدىگە خىلاپ مەشغۇلاتلارنى تۈزەش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، قانۇن بويىچە تۈزەش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش؛ ئۈچىنچى، يوشۇرۇن ئاپەتنى تەكشۈرۈش، تۈزەشنى كۈچەيتىش؛ تۆتىنچى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە ئىسلاھ قىلىش – يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ بەشىنچى، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ ئالتىنچى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش پەن – تېخنىكا تايانچ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش؛ يەتتىنچى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتا جىددىي ئەھۋالدىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ سەككىزىنچى، شەھەر بىخەتەرلىك باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك.
شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار ھازىر بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە چوڭ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشقا دەرھال تەشكىللەپ، كۆمۈركان، كۆمۈر بولمىغان تاغ، يول قاتنىشى، كىشىلەر زىچ توپلاشقان ئورۇنلار، توك، پار، گاز بىلەن تەمىنلەش، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار ۋە پوجاڭزا تىجارىتى قىلىدىغان، ساقلايدىغان ئورۇنلار قاتارلىق مۇھىم كەسىپ، ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىپ، چاغانلىق توشۇش مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش، چارلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بايرامنى بىخەتەر، خەيرلىك ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ ۋېي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن غانىبات سابۇكەي، مۇتەللىپ قاسىم، تيەن جيەنرۇڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر