باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇلتۇر جۇڭگودا ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا℃10.5 بولۇپ 1961-يىلىدىن بۇيان ئەڭ ئىللىق بىر يىل بولۇپ قالدى

2016.01.14 10:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 12-يانۋار تارقاتقان «2015-يىللىق جۇڭگو كىلىمات ئۇقتۇرۇشى»دا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى جۇڭگودا ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ℃10.5قا يېتىپ، يىللاردىكىدىن ℃0.95 يۇقىرى بولۇپ، 1961-يىلىدىن بۇيانقى ئىللىق بىر يىل بولۇپ قالغان.

  جۇڭگونىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ℃0.5 دىن يۇقىرى بولۇپ، بېيجىڭ، سىچۈەن، نىڭشيا قاتارلىق 10 ئۆلكە (رايون، شەھەر) نىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئەڭ يۇقىرى بولغان، جەنۇبىي جۇڭگو رايونىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىپ، شەرقىي شىمال، شىمالىي جۇڭگو ۋە غەربىي شىمالدا ئەڭ يۇقىرى قىممەت يارىتىلغان. يانۋاردىن مارتقىچە ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا℃1.5 يۇقىرى بولغان.

  دۆلەتلىك كىلىمات مەركىزىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى جوۋ بىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەرشارىنىڭ ئىللىپ كېتىشى داۋاملىشىش بىلەن بىرگە، يەنە تارىختا ئىنتايىن روشەن ئېرنىنو ھادىسىسى يۈز بەرگەن، بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن يەرشارىدىكى نۇرغۇن رايونلارنىڭ ھەممىسىدە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆپ قېتىم كۆرۈلگەن، جۇڭگومۇ بۇنىڭ ئىچىدە ئىكەن.

  «2015-يىللىق جۇڭگو كىلىمات ئۇقتۇرۇشى»دا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى جۇڭگودا ھۆل-يىغىن مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە ھۆل-يىغىن مىقدارى 648.8 مىللىمېتىرغا يېتىپ، يىللاردىكىدىن %3 كۆپ بولغان؛ 11 قېتىم چوڭ دائىرىلىك، داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزۇن بولغان تۇمانلىشىش كۆرۈلگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر