باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران، رۇسىيەگە يېمەكلىك ئېكسپورت قىلىشنى باشلىدى

2016.01.14 14:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىران ئىنگلىز تىلىدىكى Press TV تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 12-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران بىر ئەمەلدارى شۇ كۈنى، ئۆتكەن بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئىراننىڭ رۇسىيەگە ھەرخىل يېمەكلىكلەرنى ئېكسپورت قىلغانلىقىنى، ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 500 ماشىنىغا يەتكەنلىكىنى، ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك رۇسىيەگە بېرىپ بولغانلىقىنى ئېيتقان.

  ئىراننىڭ سودا - سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىك باش ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى ئەنسارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىران ئەزەربەيجان ئارقىلىق، رۇسىيەگە مەھسۇلات ئېكسپورت قىلغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىران رۇسىيەگە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلغاندىن سىرت يەنە سۈت مەھسۇلاتلىرى ۋە چارۋا مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلىش قارارىنى تەستىقلاپ بولغان، 1- ئاينىڭ ئاخىرىدا رەسمىي ئىجرا قىلىنىدىكەن.

  مەزكۇر ئۇيۇشمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پەجرام سۇلتانى بۇندىن بۇرۇن، ئىراننىڭ رۇسىيەگە ئېكسپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسىنى تەڭشىگەنلىكىنى، بۇنداق قىلغاندا تېخىمۇ رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ دېيىشىچە، ئىراندىكى ئاساسلىق سۈت مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر شىركەت رۇسىيەگە مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىشقا قوشۇلۇپ بولغان. مۆلچەرگە قارىغاندا، مۇشۇ ئاينىڭ 20 -كۈنىدىن باشلاپ توشۇشنى باشلايدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر