باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى: 2015- يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %7 ئەتراپىدا بولغانلىقى مۆلچەرلەندى

2016.01.14 10:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لى پۇمىن 12- يانۋار، تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى، 2015 -يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ھەرىكىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، مۆلچەرلىنىشچە پۈتۈن يىللىق ئېشىش سۈرئىتى %7 ئەتراپىدا بولۇپ، كۆزلىمە ئېشىش نىشانى بىلەن ئاساسەن بىردەك بولىدىكەن.

  لى پۇمىن مۇنداق دېدى، 2015- يىل «12- بەش يىللىق پىلان» نىڭ ئاخىرقى يىلى، «12- بەش يىللىق» تەرەققىيات پىلان پىروگراممىسىغا سېلىشتۇرغاندا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى 24 تۈرلۈك ئاساسىي كۆرسەتكۈچ ئاساسەن ئورۇندىلىدۇ، بولۇپمۇ بايلىق مۇھىتى، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق تەرەپلەردىكى چەكلىمە خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچلەر ئاشۇرۇپ ئورۇندىلىدۇ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، دۆلەت مۇداپىئەسى ئەمەلىي كۈچى، خەلقئارا تەسىر كۈچى يەنە بىر پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، «13- بەش يىللىق» ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ياخشى ئاساس سېلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر