باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13–يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2016.01.15 11:17         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13 – يىغىنى 14 – يانۋار چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا، ھەر قايسى گۇرۇپپىلارنىڭ مۇزاكىرە ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى پۇ شيۇنىڭ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىغا تولۇقلاپ سايلىنىدىغان مۇئاۋىن رەئىس ۋە دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى توغرىسىدىكى ئىزاھاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىغا تولۇقلاپ سايلىنىدىغان مۇئاۋىن رەئىس، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ نامزات ئىسىملىكى(لايىھە) قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى؛ يىغىننىڭ سايلام چارىسى(لايىھە) ۋە باش بېلەت نازارەتچىسى، بېلەت نازارەتچىلىرى ئىسىملىكى(لايىھە) قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى؛ ماۋكەن سېيىتقامزانىڭ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىك ۋە ئەزالىق ۋەزىپىسىدىن سورىغان ئىستېپانامىسىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قارار(لايىھە) ۋە شى شياۋلىننى سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارار(لايىھە) قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا، يەنە سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ 2016 – يىللىق كېڭىشىش پىلانى(لايىھە)، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 – يىغىنى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى(لايىھە)، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 – يىغىنىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى(لايىھە)، شۇنداقلا سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 – يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى(لايىھە) قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ليۇ يەنلياڭ، رىزۋان ئەبەي، ماۋكەن سېيىتقامزا، جۈرئەت ئىمىن، ليۇ جىيۇڭ، ليۇ جيەنشىن، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، يۈ شيۇدۇڭ، ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم ۋە باش كاتىپ ليۇ جېنچياڭ يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر