باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك

−− جايلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى قىزغىن مۇنازىرىلەشكەنلىكى توغرىسىدا

2016.01.14 14:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:باش شۇجى شى جىنپىڭ ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشنى كۆرسەتتى. بۇنىڭغا قارىتا جايلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار مۇنداق دېدى: ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى ماھىيەتتىن تۈزۈش تەدبىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلاشقانلىقىنى نامايان قىلدى.

  پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى

  جايلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىردەك مۇنداق قارىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم كۈچەش نۇقتىسىنى كۆرسىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى پارتىيە باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتىكى سىياسىي جاسارىتى ۋە تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى.

  لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مو گۇاڭدۇڭ مۇنداق دېدى: ئىنتىزامنى چىڭىتىش ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيە ئۆزىنىڭ ئاۋانگارت ئەترەت بولۇش خۇسۇسىيىتىنى ساقلاپ، زىممىسىدىكى ئۇلۇغ ۋەزىپىنى تاماملاشتا چوقۇم ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، ئىدىيىدە، سىياسىيدا، تەشكىلدە يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ( شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر