باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

«خاررىي پوتتېر» فىلىملىرىدە سنەيپ مۇئەللىمنىڭ رولىنى ئالغان ئارتېس ئالان رىكمان راك كېسىلى سەۋەبلىك 69 يېشىدا ۋاپات بولدى(1)

2016.01.15 13:13   مەنبە: خەلق تورى

«خاررىي پوتتېر» فىلىملىرىدە سنەيپ مۇئەللىمنىڭ رولىنى ئالغان ئارتېس ئالان رىكمان راك كېسىلى سەۋەبلىك 69 يېشىدا ۋاپات بولدى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 14-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، «خاررىي پوتتېر» فىلىملىرىدە سنەيپ مۇئەللىمنىڭ رولىنى ئالغان ئارتېس ئالان رىكمان راك كېسىلى سەۋەبلىك 69 يېشىدا ۋاپات بولغان، ئالان رىكماننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرىغا رىكماننىڭ راك كېسىلى سەۋەبلىك ئەنگىلىيە ۋاقتى 14-يانۋار لوندوندا ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.

  ئالان سىدنېي پاترىك رىكمان 1946-يىلى 2-ئاينىڭ 21--كۈنى لوندوننىڭ خەممىرسىمىزدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئەنگىلىيە خانلىق سەنئەت تىياتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، تىياتىر ئارتېسى، تېلېۋىزىيە ئارتېسى، كىنو ئارتېسى، رېژىسسور، سىنارىيە يازغۇچىسى، باشقۇرغۇچى، ئاۋاز بەرگۈچى. ئەنگىلىيەدىكى ئەڭ تالانتلىق تىياتېر ئارتېسى ۋە كىنو ئارتېسلىرىنىڭ بىرى. 1991-يىلى «ھەقىقىي، ئەسەبىي، چوڭقۇر» ناملىق كىنودا رول ئېلىپ، تۇنجى قېتىم ئەنگىلىيە كىنو ئىنىستىتۇتى مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ نادىر ئەر ئارتېس نامزاتى بولغان. 1995-يىلى «ئەقىل ۋە ھېسسىيات» ناملىق كىنودا براندون پولكوۋنىڭنىڭ رولىنى ئېلىپ، خەلقئارا كىنو سەھنىسىدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. 2000-يىلىدىن باشلاپ «خاررىي پوتتېر» فىلىملىرىدە سىرلىق ھەم مەيۈس سېۋېرۇس سنەيپ مۇئەللىمنىڭ رولىنى ئېلىپ، كىشىلەرگە كەڭ تونۇلغان.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شاڭخەي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ  پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشى شەرت قىلىندى
      ·ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك
      ·شىنجاڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسپلەر…
      ·ئۆتكەن يىلى 53نەپەر ئالىي مەكتەپ رەھبىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بايرام مەزگىلىدە سوۋغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىدى  
      ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مىڭغا يېقىن ئازايدى
      ·ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەر ‹‹ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا›› بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ
      ·دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر
      ·ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرى بولمىغان يەسلى بالىلىرى مەكتەپكە كىرەلەمدۇ؟
      ·دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا ساختىلىق قىلغانلارنىڭ بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىشى چەكلىنى…