باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4–يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 3–قېتىم يىغىن ئۆتكۈزدى

2016.01.15 11:16         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 – يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 3 – قېتىم يىغىن ئۆتكۈزدى.

  يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى نەيىم ياسىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا، يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ۋەكىللەرنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى(لايىھە)››، ئاپتونوم رايوننىڭ 2015 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجراسى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات، ئاپتونوم رايوننىڭ 2015 – يىللىق خامچوتىنىڭ ئىجراسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 – يىللىق خامچوت لايىھەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى، پىلانى، خامچوتنىڭ قارار لايىھەسى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى، يۇقىرىقى تۆت قارار لايىھەسى ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا تارقىتىپ بېرىلدى.

  يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 – يىغىنىدا سايلىنىدىغان نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكى توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىنىپ، ھەيئەت رىياسىتى كۆرسەتكەن نامزاتلار سۈپىتىدە ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ كېڭىشىشىگە سۇنۇش قارار قىلىندى؛ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىنىپ، ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى؛ ۋەكىللەرنىڭ بىرلىشىپ نامزات كۆرسىتىش ۋاقىت چېكى توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىنىپ، ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى.

  يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن جاڭ چۈنشيەن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، جاپپار ھەبىبۇللا، ما مىڭچېڭ، تېلىۋالدى ئابدۇرېشىت، ھۆرىگۈل جاپپار، دۇڭ شىنگۇاڭ، جاڭ بو، نىجات سۇلتان، ئەسقەر تۇرسۇنلار يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرى ۋە يىغىننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر