- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى يۇقىرى بېلەت ئۈستۈنلۈكى بىلەن چاۋشىيەننى جازالاش لايىھەسىنى ماقۇللىدى
2016.01.14 16:16 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا فېدېراتسىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى 12-يانۋار يۇقىرى بېلەت ئۈستۈنلۈكى بىلەن چاۋشيەنگە قارىتا تېخىمۇ قاتتىق بولغان جازالاش لايىھەسىنى ماقۇللاپ، چاۋشيەننىڭ يېقىندا ئېلىپ بارغان يادرو سىنىقىغا ئىنكاس قايتۇردى. ئامېرىكا فېدېراتسىيە پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسىنىڭ يېقىنقى نەچچە ھەپتە ئىچىدە بۇ تۈردىكى لايىھەنى قاراپ چىقىشى مۆلچەرلەندى.
ئاۋام پالاتاسى شۇ كۈنى 418بېلەت قوللاش، 2بېلەت قارشى تۇرۇشتەك بېلەت تاشلاش نەتىجىسى بىلەن قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، ئامېرىكا زوڭتوڭىدىن زور كۆلەمدىكى قىرغىنچىلىق خارەكتېرىدىكى قوراللار، قورال-ياراغ، زىببۇزىننەت بۇيۇملىرى، پۇل يۇيۇش، ساختا بۇيۇم ياساش ھەمدە ئىنسانىي ھوقۇققا دەخلى تەرۈز قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە چاۋشيەن بىلەن ئالاقىسى بار كىشىلەر ۋە ئەمەلىي گەۋدىلەرگە قارىتا جازا يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.
چاۋشيەن 6-يانۋار يادرو سىنىقى قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ چاۋشيەننىڭ 2006-يىلدىن بۇيان ئېلىپ بارغان 4-قېتىملىق يادرو سىنىقى بولۇپ، بۇ ئىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق ئەيىپلىشىگە ئۇچرىدى، نۇرغۇن دۆلەتلەر ھەمدە خەلقئارا تەشكىلاتلار چاۋشيەننى خەلقئارا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، يادرو پىلانىدىن ۋاز كېچىپ، ھەمدە بارلىق مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلىرىنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر