باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى تېز كانكى تېيىلىش سارىيىدا ئۆتكۈزۈشكە ئۆزگەرتىلىپ، چىقىم تېجەلدى

2016.01.15 09:17         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈشتىن ئاپتونوم رايونلۇق مۇز تەنھەرىكىتى مەركىزىدىكى تېز كانكى تېيىلىش سارىيىدا ئۆتكۈزۈشكە ئۆزگەرتىلدى، بىر قىسىم ئۈسكۈنىلەر ئىجارىگە ئېلىنىپ، سېتىۋېلىش چىقىمى تېجەلدى، فۇجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى ئىئانە قىلغان ئەشيالار قوبۇل قىلىندى، مۇسابىقىنى تېجەشلىك ئۆتكۈزۈش ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشكىلىي كومىتېتى 34 مىليون يۈەن پۇل تېجەپ قالدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: مۇسابىقىنى تېجەشلىك ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش شەرتى ئاستىدا، ھەر مىللەت تاماشىبىنلارغا بىر قېتىملىق قىزىقارلىق، ئۇنتۇلغۇسىز باشلىنىش مۇراسىمى ۋە ئاددىي، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلىشىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك.

  مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى گۇاڭمىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئەسلىدە ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىدى، لېكىن مۇراسىم مەيدانىنى ياساش چىقىمىنى تېجەش كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق مۇز تەنھەرىكىتى مەركىزىدىكى تېز كانكى تېيىلىش سارىيىدا ئۆتكۈزۈشكە ئۆزگەرتىلدى، بۇنىڭدىن 80 مىليون يۈەن تېجەپ قېلىندى؛ ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونلۇق مۇز تەنھەرىكىتى مەركىزىدىكى مەيدان - سارايلارنى ياساش جەريانىدا، مۇسابىقە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش شەرتى ئاستىدا، ئەسلى پىلاندىكى مۇز چەينىكى سارىيى مۇز توپى سارىيىغا ئۆزگەرتىلىپ، قىسقا ئارىلىققا تېز كانكى تېيىلىش سارىيىنىڭ قوشۇمچە سارىيى مۇز چەينىكى سارىيى قىلىندى، ئەسلىدە سېلىنماقچى بولغان بەش ساراي تۆتكە ئۆزگەرتىلىپ، 100 مىليون يۈەن تېجەلدى، ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىشنىڭ ئورنىغا ئىجارىگە ئېلىنىپ، نۇرغۇن چىقىم تېجەلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مۇز تەنھەرىكىتى مەركىزى 2015 - يىل 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى بۇلتۇر فۇجودا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 1 - نۆۋەتلىك ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى ئىئانە قىلغان ئومۇمىي قىممىتى 400 مىڭ يۈەنلىك خاتىرە كومپيۇتېر، پرىنتېر، ئۈستەل قاتارلىق ئەشيالارنى قوبۇل قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر