باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەقلىي كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىياتنى تېزلىتەيلى

2016.01.15 11:13         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹13 – بەش يىل›› ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق بەش يىل، شۇنداقلا تىپ ئۆزگەرتىشنىڭ مۇھىم پەيتىدۇر. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىدىكى كەسكىن خىرىس ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىياتى نېمىگە تايىنىپ قوزغىتىلىدۇ، قانداق قىلغاندا جاسارەت بىلەن ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتكىلى بولىدۇ؟ ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 10 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا ئېنىق قىلىپ: تەرەققىياتنى يېتەكلەشتە يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ يىلقى ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››تىمۇ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش مۇھىم ئورۇنغا قويۇلدى.

  يېڭىلىق يارىتىشتا بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قانداق قوزغىتىلىشى كېرەك؟ ۋەكىللەر، ئەزالار بۇ مەسىلىلەرگە ئېنىق جاۋاب بەردى.

  ئەزا، ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى چېن چى مۇنداق دېدى: ‹‹دوكلات››تا، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈزۈلمە رامكىسىنى شەكىللەندۈرىمىز، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل ۋە تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىمىز، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. شۇڭا، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۇزاقتىن بۇيان شەكىللەنگەن قۇرۇلما جەھەتتىكى زىددىيەت ۋە يىرىك ئېشىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ، تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تولۇق ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، بۇ، بىزدىن چوقۇم يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، يەنى يېڭىلىق يارىتىشتىكى قوزغاتقۇچنى تېپىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز بۇنى قانچە بالدۇر تونۇپ يەتسە، تىپ ئۆزگەرتىشنى شۇنچە بالدۇر ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ.

  ‹‹دوكلات››تا: يېڭىچە شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشتە پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشتىكى يېتەكچىلىك رولى جارى قىلدۇرۇلىدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ ھەقتە چېن چى مۇنداق دېدى: نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بەزى ساھەلىرىدە خېلى كۆپ باشلامچىلار يېتىشتۈرۈلدى، بەزى كارخانىلار ئۆزلىرى شۇ ساھەدە يۇقىرى پەللىنى ئىگىلەپلا قالماي، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، تىپ ئۆزگەرتىشتە ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رول ئوينىدى؛ يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، ئىلغار ئۈسكۈنە ياسىمىچىلىقى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭى گۈللەنمە كەسىپلەر ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق ساھەلەردە، ئالاھىدە تىرانسفورموتور، ‹‹جىنفېڭ›› پەن – تېخنىكىسى قاتارلىق شىنجاڭنىڭ يەرلىك كارخانىلىرى خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا ماڭدى ھەم كارخانىلار سۇبيېكت قىلىنغان، ئىشلەپچىقىرىش، تەربىيەلەش، تەتقىقاتتا ھەمكارلىشىدىغان يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈردى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ نەتىجىسىدۇر؛ ‹‹13 – بەش يىل›› دا ئۈستۈنلۈككە ۋە يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ساھەلەردە ئىجاد قىلىش تىپىدىكى يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش كېرەك، ‹‹كونا دەسمايىنى يەپ يېتىش››قا، باشقىلارنىڭ كونا نەرسىسى بىلەن ئۆزىمىزنى قوراللاندۇرۇشقا بولمايدۇ.

  ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا نىسبەتەن ئىختىساسلىقلار، تېخنىكا، مەبلەغ كەمچىل بولغاچقا، ئۆز كۈچىگە تايىنىپلا تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشى قىيىنغا توختايدۇ. چېن چى مۇنداق دېدى: سانى كۆپ، دائىرىسى كەڭ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ‹‹ئۆزلەشتۈرۈۋېلىش›› ئۇسۇلىنىمۇ سىناپ باقسا، باشقىلارنىڭ تېخنىكىسىغا تايىنىپ ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىپ، ئاندىن يېڭىلىق يارىتىش يولىغا قەدەم باسسىمۇ بولىدۇ.

  چېن چى مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رولى بازار سۇبيېكتىنىڭ ئورنىنى ئېلىش ياكى 1 – سەپتە يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىش بولماستىن، بەلكى سىياسەت خاراكتېرلىك توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، ياخشى يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى ھازىرلاشتىن ئىبارەت. ھۆكۈمەت مەمۇرىيەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشى، يەر قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش بايلىقلىرىنى ئادىل تەقسىملىشى، ئەدلىيەنىڭ ئادىللىقىنى ساقلىشى، ئۇنىڭدىن باشقا، فوند تەسىس قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش بازىسى، كەسىپ – تېخنىكا ئىتتىپاقى قۇرۇش، يېتەكلەش ئارقىلىق يېڭىلىق ياراتقۇچىلارنىڭ بازارغا يۈزلىنىش يولىدىكى تۇنجى قەدەمنى پۇختا ئېلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

  ‹‹دوكلات››تا: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرىغا قويغان بىر يۈرۈش يېڭى ئىدىيەلەردە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق تەرەققىياتنى يېتەكلەش كېرەك، دەپ تەكىتلەنگەن.

  ۋەكىل، تۇرپان شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيۇجۇڭ مۇنداق دېدى: ‹‹12 – بەش يىل›› دا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مەركەز روھىنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى خەلقئارالىق نەزەردە، مەملىكەتنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە قويۇپ تەتقىق قىلىپ، پىلانلاپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى ئىجادىي خاراكتېرلىك يېڭى ئىدىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ ئومۇمىي خىزمەت، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىدە يېتەكچىلىك رول ئوينىدى.

  ۋاڭ جيۇجۇڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹خەلق تۇرمۇشى ھەممىدىن ئەلا، ئامما بىرىنچى، ئاساسىي قاتلام مۇھىم›› ئىدىيەسى پۇقرالارنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇردى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى يەنىمۇ ئاشۇردى؛ ‹‹مۇھىتنى قوغداشنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك رايون بەرپا قىلىش›› ئىدىيەسى كادىرلارنىGDP نەزەرىيەسىنىلا تەكىتلەش ئىدىيەسىدىن خالاس قىلدى؛ ‹‹زامانىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتەكلەش››، ‹‹ئۈچ قوشۇن›› قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ‹‹بەش ئاچقۇچ›› نى توغرا ئىشلىتىش، ‹‹ئۈچنى قىلىش، ئىككىدە تىرىشىش، تۆتنى ئۇنتۇش›› ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇش قاتارلىقلار ماياكقا ئوخشاش بىزنى ئالغا يېتەكلەيدۇ.

  مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە، ئەزا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بەي يىڭ مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، يېتەكلەش ئۇسۇل، ئۆزگەرتىش مەقسەت. مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ساقلاشتا، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىناق ياشىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  ‹‹دوكلات››تا زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش، مەدەنىيەت كەسىپلىرىنى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتى كۆپ مەنبەلىك، سىغدۇرۇشچان، سىڭدۈرۈشچان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز بېيىماقتا، ئىلگىرىلىمەكتە. بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى، شۇڭا مەدەنىيەت تەرەققىياتىمۇ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى، كونىنى يېڭىلىشى كېرەك.

  بەي يىڭنىڭ قارىشىچە، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشتا، بىرىنچىدىن، ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى كۈچەيتىپ، بايلىقلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بېكىتىش؛ ئىككىنچىدىن، مەدەنىيەت بازىرىغا بولغان تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسىنى مەۋقە قىلىپ، شىنجاڭنى ياۋروپا – ئاسىيا مەدەنىيەت ئالاقىسىدىكى ‹‹تۈگۈن رايون›› قىلىپ بېكىتىپ، مەشغۇلاتچانلىقى كۈچلۈك سىياسەتلەرنى تەتقىق قىلىپ ۋە بېكىتىپ، مەدەنىيەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك ئىكەن. يەنە بىر جەھەتتىن، سەرخىل مەدەنىيەتنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئاۋام ياقتۇرىدىغان، ئاسان قوبۇل قىلىدىغان مەدەنىيەت كەسىپلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت تايانچلىرىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاۋامنى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدە ئۆز – ئۆزىنى تەربىيەلەشكە يېتەكلەش كېرەك ئىكەن.

  بەي يىڭ مۇنداق دېدى: ‹‹دوكلات››تا، ئاساسىي قاتلامدا ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشنى قوللاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئاممىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنى مەدەنىيەت ئىجادىيىتىدىكى ئەمەلىيەتچىلەرگە ئايلاندۇرۇشىمىز، سەمىمىي مۇئامىلە، ئاستا – ئاستا تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇلارغا زامانىۋى مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر