باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

«شام ئىسلام دۆلىتى»پاكىستاننىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2016.01.14 14:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 13-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەسەبىي تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى» ئافغانىستاننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى شەھەر جالالئابادتىكى پاكىستان كونسۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە مەسئۇل بولىمىز، دېگەن.

  «شام ئىسلام دۆلىتى» تىۋىتتىردا ئېلان قىلغان ئەرەبچە باياناتىدا، ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ ئۈچ نەپەر «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ئەسكىرى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ بەدىنىدىكى پارتلاتقۇچ بىلەن بىللە پارتلاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.

  ئافغانىستان ئەمەلدارىنىڭ 13-يانۋار دەلىللىشىچە، جالالئاباد شەھىرىدىكى پاكىستان كونسۇلخانىسىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، ۋەقەدە كەم دېگەندىمۇ يەتتە ئادەم قازا قىلىپ، 11 ئادەم يارىلانغان.

  3-يانۋار ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى شەھەر مازارشەرفتىكى ھىندىستان كونسۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. قوراللىق خادىملار كونسۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ بىراق نەتىجىسى بولمىغان، ئارقىدىنلا ساقچىلار بىلەن 20 سائەتتىن كۆپرەك تۇتۇشقان، تۇتۇشۇشتا بىر ئادەم يارىلىنىپ، 10 ئادەم يارىلانغان. 5-يانۋار پاكىستان، ھىندىستاننىڭ جالالئابادتا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بەرگەن، بەختكە يارىشا ئۆلۈم - يېتىم بولمىغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر