باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاكىستان، ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى

2016.01.14 14:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 13- يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ ئافغانىستاننىڭ جالالئاباد شەھىرىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: پاكىستان، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىدىن بۇ ۋەقەنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، جىنايەتچىنىڭ ھۇجۇم قىلىش سەۋەبىنى ئېنىقلىشىنى، ھەمدە پاكىستان تەرەپكە تەكشۈرۈش تەپسىلاتىنى دوكلات قىلىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پاكىستان تەرەپ، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىدىن، پاكىستاننىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن پاكىستان ئەمەلدارلىرىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. شۇ كۈنى كەچتە، ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى ئۆزلىرىنىڭ پەيدا قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئافغانىستان ئەمەلدارى 13- يانۋار، شۇ كۈنى يۇز بەرگەن ھۇجۇمدا ئاز دېگەندە 7 ساقچىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 11 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە پاكىستان تەرەپنىڭ بىر خىزمەتچى خادىمىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر