- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تۈركىيە، ئىسلام دۆلىتىنىڭ گۇمانلىق ئەزاسىدىن 9 نى تۇتتى
2016.01.14 14:56 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
تۈركىيە دۇئان ئاگېنتلىقىنىڭ 13- يانۋار خەۋەر قىلىشىچە: 12- يانۋار ئىستانبۇل تېررورلۇق ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كىيىن، تۈركىيە ساقچى تەرەپ ئاناتولىيە بىلەن ئىزمىردا بىرلا ۋاقىتتا تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت قوزغاپ، ئىسلام دۆلىتىنىڭ 9 گۇمانلىق ئەزاسىنى قولغا چۈشۈرگەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ساياھەت شەھىرى ئاناتولىيە ساقچى تەرەپ 12- يانۋاردىن 13- يانۋارغىچە ئىلىپ بارغان ھەرىكىتىدە رۇسىيە تەۋەسىدىن بولغان ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئۇچ گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرگەن، ئەسەبىي تەشكىلاتقا ئالاقىدار كۆپلىگەن ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن. تۈركىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسىمىدىكى ئىزمىر شەھىرىدە، ساقچى تەرەپ 13- يانۋار ئەتىگەندە ئەسەبىي ئۇنسۇرلار يوشۇرۇنۇۋالغان ئالتە نۇقتىغا بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇم قوزغاپ، ئەسەبىي تەشكىلاتقا قاتناشقان دەپ گۇمان قىلىنغان ئالتە كىشىنى قولغا چۈشۈرگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر