باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ياڭ شاۋلىن دۇنيا بانكىسىنىڭ تۇنجى دائىمىي مۇئاۋىن بانكا باشلىقى قوشۇمچە باش مەمۇرىي ئەمەلدارى بولدى

2016.01.14 10:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو مالىيە مىنىستىرلىقى 12-يانۋار خەۋەر ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ھازىرقى مالىيە مىنىستىرلىقى خەلقئارا مالىيە پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ياڭ شاۋلىن دۇنيا بانكىسىنىڭ تۇنجى دائىمىي مۇئاۋىن بانكا باشلىقى قوشۇمچە باش مەمۇرىي ئەمەلدارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.

  ئامېرىكا ۋاشىنگتون ۋاقتى 11-يانۋار، دۇنيا بانكىسى بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەش قارارىنى ئېلان قىلدى. دائىمىي مۇئاۋىن بانكا باشلىقى قوشۇمچە باش مەمۇرىي ئەمەلدار دۇنيا بانكىسى يېڭىدىن تەسىس قىلغان ۋەزىپە ئورنى بولۇپ، دۇنيا بانكىسىنىڭ ئورگان ئىستراتېگىيەسى، خام چوتى، خەتەردىن ساقلىنىش، پاكلىق، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كەسپى ئەخلاقى، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەرگە مەسئۇل بولىدۇ. ياڭ شاۋلىن 2016-يىلى 29-فېۋرالدىن باشلاپ ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.

  ياڭ شاۋلىن ھازىر مالىيە مىنىستىرلىقى خەلقئارا مالىيە پۇل مۇئامىلە مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى. ئۇ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى ۋە ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر يېڭى تەرەققىيات بانكىسى قاتارلىق يېڭى ئورگانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو بىلەن كۆپ تەرەپلىك، ئىككى تەرەپلىك پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەسئۇل.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر