باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ۋەكىل، ئەزالار «گۈزەل يېزا،كەنت قۇرۇش» ھەققىدە قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى

يېزا، كەنتلەرنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرەيلى

2016.01.14 10:17         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋەكىل جاڭ چۈنشيەن 11 - يانۋار سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ «دوكلات»قا قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، «كەنتلەر گۈزەل، دېھقانلار باياشات، كەنت ئىستىلى ياخشى» گۈزەل يېزا، كەنت قۇرۇش كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنىڭ گۈزەل خەرىتىسىنى سىزىپ بېرىپ، ۋەكىل، ئەزالارنىڭ بىردەك ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  ئەزا گاۋ جيەنگو مۇنداق دېدى: گۈزەل يېزا، كەنت قۇرۇش مەركەزنىڭ ئىستراتېگىيەسىگە ماس ھالدا يولغا قويۇلغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ يارقىن نۇقتىسى بولۇپلا قالماي، يەنە ئەۋلادلارنىڭ كەلگۈسى كۆزدە تۇتۇلغان ئەلرايى قۇرۇلۇشى، «13 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا، جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ بۇ تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇشى دەل جايىدا بولدى؛ مېنىڭچە، «كەنتلەر گۈزەل، دېھقانلار باياشات، كەنت ئىستىلى ياخشى» گۈزەل يېزا، كەنت قۇرۇش گۈزەل مۇھىت بەرپا قىلىش، گۈزەللىك ئىگىلىكىنى جانلاندۇرۇش، گۈزەللىكنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، يېزا، كەنتلەرنى گۈزەللەشتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.

  ۋەكىل يى خۇڭشيا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى دېھقانلار بار - يوققا كۆڭۈل بۆلەتتى، ھازىر چىرايلىقمۇ - ئەمەسمۇ دېگەنگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، گۈزەل تۇرمۇشقا باشقىچە ئىنتىلىدىغان بولدى؛ يېقىنقى يىللاردا يېزا، كەنت يوللىرى ئاسفالتلاشتۇرۇلۇپ، يول ياقىلىرىغا دەرەخ تىكىلىپ، كەنت قىياپىتى گۈزەللەشتۈرۈلدى، ئاھالىلەرنىڭ كۆڭلى ئېچىلىپ قالدى.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا مۇھىتىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئەزا ما شىنچۈەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئۆي قۇرۇلۇشى، كەنت يولى قۇرۇلۇشى، ئېرىق - ئۆستەڭ قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق تۇتۇپ، كۆكەرتىش خىزمىتى ۋە تۇرمۇش ئەخلەتلىرى، باقمىچىلىق رايونلىرىدىكى قىغ - ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى چىڭ تۇتۇش؛ سۇ مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشى، يېزا ئىگىلىكىدىكى بۇلغىنىش، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلاردىكى بۇلغىنىشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.

  ۋەكىل مېھرىئاي تۇرغانجان مۇنداق دېدى: يېزا، كەنتلەر بارغانسېرى گۈزەللىشىۋاتىدۇ، پاكىزلىشىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن دېھقانلار ئەمەلىي نەپنى ھېس قىلىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇلار گۈزەل يېزا، كەنت قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ئاكتىپ ئاتلىنىدىغان، قاتنىشىدىغان كەيپىيات شەكىللىنىۋاتىدۇ.

  ۋەكىل ئۇرالبېك مۇنداق دېدى: يېزىلاردا ھەممە كەنت، مەھەللە ئوپئوخشاش بولۇش مەسىلىسى مەۋجۇت، بۇ ھالەتنى يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدا ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلغان، كەنتلەرنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى گەۋدىلەندۈرگەن، جۇغراپىيەلىك ئورنى، ئۇل ئەسلىھە شارائىتى، مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى، كەسىپلەر تەرەققىياتىنى ئويلاشقان ئاساستا ئۆزگەرتىش كېرەك.

  ئەزا گاۋ جيەنگو مۇنداق دېدى: دېھقانلارنىڭ يەرگە تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتى كىچىكلەپ كېتىۋاتىدۇ، شۇڭا يېزا، كەنتلەرنى گۈزەللەشتۈرۈپ، سەھرا سەيلە - ساياھىتى، ھويلا - ئاران ئىگىلىكى ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىم يولىنى كېڭەيتىش كېرەك، بۇنىڭ دېھقان - چارۋىچىلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى رولى تولىمۇ چوڭدۇر؛ دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ يېنىنى توملاش بىلەن بىللە، كۆڭلىنى يورۇتۇش كېرەك.

  ئەزا ئالىم مامۇت مۇنداق دېدى: گۈزەل يېزا، كەنت قۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنىنىڭ بىرى گۈزەل قەلب يارىتىش بولۇپ، كەنتلەردىكى مەدەنىيەت مەيدانلىرى، كەنت يوللىرى، تەشۋىقات تاملىرىغا يېزىق، رەسىم شەكلىدە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى، گۈزەللىك قۇرۇلۇشىغا ئائىت تەشۋىقات - تەربىيە مەزمۇنلىرى چاپلانسا، گۈزەل يېزا قۇرۇلۇشى، بولۇپمۇ مەدەنىيلىك، گۈزەللىك بەرپا قىلىشقا چوڭ پايدىسى بولىدۇ.

  ۋەكىل جاڭ ۋېنخۇا مۇنداق دېدى: تۇرپان شەھىرى گۈزەل يېزا، كەنت قۇرۇش خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈپ، گۈزەل يېزا، كەنت قۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك قوزغىتىپ، بەش يىلدا ئومۇميۈزلۈك گۈزەل يېزا، كەنت قۇرۇپ بولۇش نىشانىغا يېتىشكە كۈچەۋاتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر