باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەن سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى

يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، چارە - تەدبىر كۆرسىتىشتە يېڭىچە قىياپىتىمىزنى نامايان قىلايلى

سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنى 2 -، 3 - قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

2016.01.14 10:16         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنى 12 - يانۋار چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن 2 -، 3 - قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىندا ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىن كەلگەن 17 ئەزا سۆز قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 3 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنغا قاتنىشىپ، ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىپ، يېڭى نورمال ھالەتتىكى يېڭى ۋەزىپە، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھالەتتە چىڭ تۇرۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەش، چارە - تەدبىر كۆرسىتىشە يېڭىچە قىياپىتىنى نامايان قىلىشى كېرەك.

  يىغىن جەمئىي 139 پارچە سۆز تېزىسى تاپشۇرۇۋالدى. يىغىندا ھەلىمە ئەزىمەت، مەمەت ياسىن، پاتەم بارات، جياڭ پىڭئەن، مېڭ چىڭسەي، يۈ شېڭدې، لو جيەنجى، يۇ جياڭبىن، مۇختەر مەخسۇت، لى ئەنمىن، جاڭ شاڭجيەن، نيۇ رۇجى، چېن جى، جاڭ جىخېڭ، رېلىبان خوجائابدۇللا، ئېلىغازى بېكقۇرمان، شيا گۇاڭتەيدىن ئىبارەت 17 ئەزا سۆزگە چىقىپ، پاكىز شىنجاڭ قۇرۇش، داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزى قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، «ئۈچ ئەل» خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش، ئوبوروت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىگە تۈرتكە بولۇش، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ «قوش تىل» مائارىپىنى كۈچەيتىش، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىنى تېزلىتىش قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدەپ پىكىر بايان قىلدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2015 - يىلى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدىكى ناھايىتى مۇھىم بىر يىل بولدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتى كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى، بىر يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتكومنىڭ مەركىزىي خىزمەتلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەۋىلىك ئېڭى، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، بەنزىنى چىڭ تۇتۇپ، قوشۇننى يېتەكلەپ، روھىي ھالىتى ياخشى، دادىل، قولىدىن ئىش كېلىدىغان، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەش ۋە چارە - تەدبىر كۆرسىتىش جەھەتتە مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. ئەزالار ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر - تەكلىپلەرنىڭ باش تېمىسى گەۋدىلىك، كۆز قاراشلىرى يېڭى، كۆرسەتكەن چارە - تەدبىرلىرى ئەمەلىي بوپتۇ، ئەزالار فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشتا مەسئۇلىيەتچان، ئەستايىدىل بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى، شۇنداقلا ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئىقتىدارى ھەم سەۋىيەسىنى نامايان قىپتۇ. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئەزالارنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى بىرمۇ بىر جاۋاب بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، مەركىزىي خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، فۇنكسىيەنى ياخشى ئادا قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن - ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قەتئىي قوغداشقا كۈچ چىقىرىشى كېرەك؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاش، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاش ئېڭى، سىياسىي ئاڭ ۋە ئومۇمىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ، «ئۈچتە تەلەپچان. ئۈچتە راستچىل بولۇش» ئىدىيەسىنى سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش فۇنكسىيەسىگە سىڭدۈرۈشى كېرەك؛ ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىنى ئاكتىپ يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجرا قىلىپ، سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىدا توغرا نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىدىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، چارە - تەدبىر كۆرسىتىشتە يېڭىچە قىياپەتنى نامايان قىلىش كېرەك.يېڭى نورمال ھالەتتە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قوغداشقا كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش، كەيپىياتنى توغرىلاش، زىددىيەتلەرنى پەسەيتىش خىزمىتىنى كۆپرەك ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قارارلىرىنى چۈشىنىشكە ۋە قوللاشقا يېتەكلەش كېرەك.

  يېڭى نورمال ھالەتتىكى يېڭى ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە چارە - تەدبىر كۆرسىتىش كېرەك. كۆپ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدا تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئىستراتېگىيەنى تېخىمۇ ياخشى تونۇش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ساھەسىدىكى ئەزالار ئىدىيە ۋە تونۇشىنى توغرىلاپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە تەشەببۇسكار بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  يېڭى نورمال ھالەتتىكى يېڭىچە ھالەتتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىيىتى ۋە ئوبرازىنى قوغداشقا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتىپ، زامانىۋى شىنجاڭلىقلاردىن بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى مەدەنىيەت بىلىملىرىگە ئىنتىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىكتىن يىراق تۇرىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئالاقىسى، باردى - كەلدىسى ۋە سىڭىشىشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ياخشى تەشۋىقاتچىلىرىدىن بولۇپ، شىنجاڭچە ياخشى ئوبراز تىكلەپ، جەمئىيەتنى ئاكتىپ كۈچ تارقىتىشقا يېتەكلىشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «پاكىز شىنجاڭ» قۇرۇشنى بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، ھەقىقىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. «پاكىز شىنجاڭ» قۇرۇش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ ئاجىز ھالقىلىرىنى تولۇقلاشتىكى جىددىي تەلەپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە شىنجاڭنى يېڭى ئەۋزەللىك، يېڭى كۈچكە ئېرىشتۈرۈشتىكى تەلەپ ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بۇ ئىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي، بوشاشماي چىڭ تۇتۇشى، «پاكىز شىنجاڭ» قۇرۇشنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، چيەن جى، شى داگاڭ، جارۇللا ھېسامىدىن، ماغاۋ سېيىتقامزالار ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن، مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ يەنلياڭ ئايرىم ھالدا 2 -، 3 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن رىزۋان ئەبەي، ماۋكەن سېيىتقامزا، جۈرئەت ئىمىن، ليۇ جىيۇڭ، ليۇ جەنشىن، ۋەن خەيچۈەن، چېڭ جېنشەن، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، يۈ شيۇدۇڭ، ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم، باش كاتىپ ليۇ جېنچياڭ يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر