باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئادۋوكاتلارنىڭ شىكايەت ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمسى» ئېلان قىلىندى

2016.01.14 10:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى « ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئادۋوكاتلارنىڭ شىكايەت ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»نى ئېلان قىلدى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گو فېڭ مۇنداق دېدى: بەلگىلىمە ئادۋوكاتلارنىڭ شىكايەت ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا تېخىمۇ كونكرېت تەدبىر بەلگىلەپ بەردى، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئادۋوكاتلارنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى، سوتقا چىقىش ھوقۇقى، ئاقلاش، مۇنازىرە قىلىش ھوقۇقى، ئالاقىدار ئىلتىماس ھوقۇقى قاتارلىق شىكايەت ھوقۇقى ھەمدە جىسمانىي بىخەتەرلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  بەلگىلىمىدە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئۇچۇرنىڭ ئادىللىق سەھنىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادۋوكاتلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ سوتلاشنى مەركەز قىلغان شىكايەت تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادۋوكاتلارنىڭ سوتتىكى ئالاقىدار ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم؛ تەجرىبە ۋە ئۇسۇللارنى يەكۈنلەپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئادۋوكاتلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىش كېرەك.

  بەلگىلىمىدە يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: خەلق سوت مەھكىمىسى توردا دېلو تۇرغۇزۇش، ھەق ئېلىش، سۈرۈشتۈرۈش، تەكشۈرۈش، ئامانلىق ساقلاشنى ئىلتىماس قىلىش، ۋاكالەت سۆزى سۇنۇش، سوت ئېچىش ۋاقتىنى رەتكە تىزىش، ھۆججەت يەتكۈزۈش قاتارلىق ئىقتىدارىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر