باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟

2016.01.14 10:20         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەر مىللەت ۋەكىللىرى 12 - يانۋار «دوكلات»نى داۋاملىق مۇزاكىرە قىلدى. «دوكلات»تا تىلغا ئېلىنغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدىكى يېڭى باسقۇچلۇق نىشان - ۋەزىپىلەر ۋە بۇ نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشتا نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟ دېگەن مەسىلە ۋەكىللەر كۆپ مۇزاكىرە قىلغان تېما بولۇپ قالدى.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ئاپتونوم رايونىمىز «13 - بەش يىل» دا ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، نۇقتىلىق تۇتۇپ ئىشلەيدىغان خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز يېقىندا، 2020 - يىلىغا بارغاندا، نامرات ئاھالىلەرنىڭ قورساقتىن، كىيىم - كېچەكتىن غەم قىلماسلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، نامرات رايونلاردىكى دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنى ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئاشۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. «دوكلات»تا بۇ ھەقتە مەخسۇس توختىلىپ، «13 - بەش يىل»دا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 3029 نامرات كەنتنى پۈتۈنلەي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، 35 نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلاشقا كاپالەتلىك قىلىش بايان قىلىندى.

  قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىن كەلگەن ۋەكىل گۈلباھار بورھان گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يۆلەش - ئېچىش خىزمىتى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  −− نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدىكى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەممىمىز ئورتاق كۈچىشىمىز كېرەك، بولۇپمۇ تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك −− دېدى گۈلباھار بورھان سۆز باشلاپ، −− ئالدى بىلەن نامرات ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. مەيلى ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياكى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بولسۇن، ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىنىڭ تېخنىكا بىلمەسلىكى، تىل ئۇقماسلىقى، قانۇن ئېڭى تۆۋەن بولۇشى ۋە ئۇنىۋېرسال ساپاسى تۆۋەن بولۇشىدىن ئىبارەت. بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قاراتمىلىقى، قوللىنىشچانلىقى كۈچلۈك پىلان تۈزۈپ، كارخانا، زاۋۇت قاتارلىق ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن ماسلىشىپ، ئىچكىرىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقانلىقىدەك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمگەكچىلەرنى تەربىيەلەشتىكى ئۇزاق مەزگىللىك، ئۈنۈملۈك ئۇسۇلنى تېپىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغىلى، ئۈنۈملۈك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

  گۈلباھار بورھان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا خاسلىققا ئىگە يەرلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى بازىرىنى كېڭەيتىشنى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك يول، دەپ قارايدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازىرىنى كېڭەيتىش توغرىسىدا كۆپرەك باش قاتۇرىشىمىز كېرەك. قەشقەر ۋىلايىتىنى مىسالغا ئالساق، قەشقەرنىڭ خاسلىققا ئىگە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆپ، بىراق بازار تازا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس. شۇڭا، ئىچكىرىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەر، قوشنا ئەللەردىكى بازارنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ۋە ماركا يارىتىش، ۋاسىتىچىلەرنى تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ كۈچى ئارقىلىق بازار ئېچىش ۋە كېڭەيتىش ئۈستىدە ئىزدەنسەك بولىدۇ. بازار كېڭەيسە، ئۆز نۆۋىتىدە ئېھتىياجمۇ ئاشىدۇ، بۇ دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىن قىلىدىغان كىرىمىنى كۆپەيتىشىگە پايدىلىق.

  «دوكلات»تا، چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، كۆلەملەشكەن، ئۆلچەملەشكەن باقمىچىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. گۈلباھار بورھان جەنۇبىي شىنجاڭ دېھقانلىرىنى باقمىچىلىق ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلەشتە ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  −− جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دېھقانلار باقمىچىلىقنى ياقتۇرىدۇ ھەم بۇ جەھەتتە ياخشى تەجرىبىگە ئىگە، بىراق ھازىر دېھقانلار باقمىچىلىقتا بەزەن مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بىرىنچىدىن، ئائىلىدە باقمىچىلىق قىلىۋاتقانلارنىڭ قوتاندا قوي - كالىسى كۆپ ئەمەس، شۇڭا باقمىچىلىقنى كۆلەملەشتۈرۈش كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتىدۇ. ئىككىنچىدىن، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى سەۋەبلىك دېھقانلار ئۆي سېلىش، ئۆي بېزەش ۋەجىدىن قوي - كالىلىرىنى ساتتى، يىغىپ قويغان پۇللىرىنى ئىشلىتىپ تۈگەتتى، ھازىر باقمىچىلىق قىلىش ئويى بارلارمۇ دەماللىققا پۇل تاپالمايۋاتىدۇ. ئۈچىنچىدىن، تۆۋەن ئۆسۈملۈك ۋە ئۆسۈمسىز قەرزنى بېجىرىش تەرتىپىنى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇش، قەرز بېرىش مۇددىتىنى ئۇزارتىش زۆرۈر. بىر يىللىق مۇددەتتە بېرىلىدىغان قەرزنىڭ ئەمەلىي مۇددىتى سەككىز ئاي، بۇ دېھقانلارنى سەل ئالدىرىتىپ قويىدۇ. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تېخنىكا ياردىمى، مەبلەغ ياردىمى، يەم - خەشەك ياردىمى، قوتان قۇرۇلۇشى، ئۆسۈمسىز قەرز مۇددىتىنى ئۇزارتىش، كېسەللىكتىن مۇداپىئە كۆرۈش قاتارلىق باقمىچىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق تەدبىر - سىياسەتلەرنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر