باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى «ئۈچ دوكلات» ۋە 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىغا قاراپ چىقتى ھەم تەكشۈردى

2016.01.14 10:19         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى 12 - يانۋار پۈتۈن كۈن گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ئومۇمىي يىغىن ۋە گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «دوكلات»قا قاراپ چىقتى، 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنىڭ لايىھەسىنى، پىلان لايىھەسى ۋە خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەكشۈردى، سايلام ئۆتكۈزۈش چارىسىنىڭ لايىھەسىگە قاراپ چىقتى.

  ۋەكىل لى يىدۇڭ مۇنداق دېدى: «ئۈچ دوكلات» ۋە 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بىر قاتار ئىدىيە، تەدبىرلىرى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنغان، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى رازى قىلغۇدەك جاۋاب بېرىلگەن. «دوكلات» ۋە پىروگرامما بەش يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات نەتىجىسىنى يىغىنچاقلاپ، 13 - بەش يىللىق پىلان ۋە بۇ يىلقى خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 2 مىليوندىن ئارتۇق ئاممىنى ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ۋەدە بېرىپ، ئىلمىي تەرەققىيات يولىنى كۆرسىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى تۈپ كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان «مەن قىلالايمەن»، «تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، تىرىشساقلا ئۆزگەرتەلەيمىز» دېگەن تەلەپنى تولۇق نامايان قىلغان.

  ۋەكىل تۇرسۇن ئىبراھىم مۇنداق دېدى: 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىدىيە ۋە تەرەققىيات تەپەككۇرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، مەن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئاستىدا، «13 - بەش يىل»دىكى تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىيالايمىز.

  ۋەكىل گۈلگىنە نىياز «دوكلات»قا، ئوقۇتقۇچى، تېببىي خادىملارنى يېزىلارغا بېرىپ ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇرىدىغان سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى تۇتۇپ قېلىش؛ تۈجۈپىلەپ نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پائال يېتەكلەپ، نامرات رايونلارنىڭ ئۆزىگە تايىنىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يۆلەش - ياردەم بېرىش بىلەن بىللە، تەشەببۇسكارلىقىنى قوزغاپ، نامراتلىقتىن تولۇق قۇتۇلۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى قوشۇش تەكلىپىنى بەردى.

  ۋەكىل رەناگۈل تۇرسۇن مۇنداق دېدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى. ھۆكۈمەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئېتىبار بىلەن قارىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىشنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە ياخشىلاشتىكى مۇھىم ئىش دەپ بىلىشى، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى ۋە كېڭەيتىشى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى ئارقىلىق يېتەكلەشنى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىشى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار تەدبىرلەرنى تۈزۈشى كېرەك.

  ۋەكىل ئوبۇل ھاشىم مۇنداق تەكلىپ بەردى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى جانلىق تېمىلارنى يەنىمۇ چوڭقۇر قېزىپ، بىر تۈركۈم ئىلغار تىپلارنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ۋە تەشۋىق قىلىش، بىر تۈركۈم تەسىرلىك ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يېزىش؛ مائارىپ خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى زورايتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلىرىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، ئوقۇش - ئوقۇتۇش سۈپىتىنى نۇقتىلىق تۇتۇش؛ يېزا يوللىرىنى ئاسراش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاسراش خىراجىتى، ئاسراش خىزمىتى ئەمەلىيلەشمەسلىك مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، يېزا يوللىرىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر