باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ساپا مائارىپىىنى كۈچەيتىش ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ

2016.01.14 10:21         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان تەكلىپ - پىكىرلەرنى سۇنۇپ، ئەل ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى ئەمەلىيىتىدە نامايان قىلدى.

  مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئومۇملاشتۇرۇش −− دەۋرنىڭ تەقەززاسى

  ۋەكىل ئوسمان تاڭخەي سانجى ئوبلاستىدىكى ناھىيە(شەھەر)، يېزا - بازار ۋە كەنتلەرنى ئارىلاپ، بۇ ئوبلاستتىكى ئۈچ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىىش جەريانىدا، تولۇقسىزدىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتەلمىگەن بالىلارنىڭ جەمئىيەتكە بالدۇر قەدەم قويۇپ، جىنايەت يولىغا كىرىپ قېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ بالىلارنىڭ خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەۋاتقانلىقىنى بايقىغان. ئۇ بۇ قېتىم يىغىندا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەممە يېرىدە ئومۇملاشتۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. ئوسمان تاڭخەي مۇنداق دېدى: ھازىر جەنۇبىي شىنجاڭدا 13 يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى يولغا قويۇلدى، بۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتەلمىگەن ۋە ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار بالىلارنى ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، بۇ سىياسەت بىزنى چەكسىز سۆيۈندۈردى. ئەمما شىمالىي شىنجاڭدا يەنىلا توققۇز يىللىق مائارىپ يولغا قويۇلماقتا. بۇنىڭ بىلەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتەلمىگەن ئوقۇغۇچىلاردىن بىكار لاغايلاپ يۈرىدىغانلار بار، ھەتتا قىمارغا بېرىلىپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ ياش قاتلىمىدىكى بالىلارنى باشقۇرۇش بىر قەدەر تەسكە توختايدىكەن، چۈنكى ئۇلار ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغاچقا، بۇنداق بالىلارنىڭ پىسخىكىسىدا مەسىلە كۆپرەك كۆرۈلىدىكەن، جەمئىيەتكە بالدۇر قەدەم قويغان، ھېچقانداق نىشانى يوق بۇ بالىلارنى ئاتا - ئانىلىرىمۇ باشقۇرالماي، جەمئىيەتكە يۈك بولۇپ قالىدىكەن. شۇ ۋەجىدىن مەن بۇ خىل زىددىيەتلەرنى تۈگىتىپ، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، شىمالىي شىنجاڭدىمۇ 13 يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويۇشنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدىم.

  ساپا مائارىپىىنى كۈچەيتىش ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ

  ھازىر تور ۋە ئۈندىدارلاردا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىر - بىرىنى ھۆرمەت قىلمايدىغان، ھەتتا توپ بولۇشۇپ، يالغۇز بىر ئوقۇغۇچىنى ھاقارەتلەپ، بوزەك قىلىدىغان سىنلىرى داۋاملىق ئۇچراپ تۇرماقتا. بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ساپا مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

  ۋەكىل ئامىنە قادىر ساپا مائارىپىىنى كۈچەيتىش ھەققىدە تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيەسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، بىر ئوقۇغۇچى دەرستە ياخشى بولسىلا، ئۇنى ھەممە تەرەپتە يېتىلگەن ياراملىق ئوقۇغۇچى دەپ قاراشقا بولمايدۇ، مەيلى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە بولسۇن ياكى ئالىي مەكتەپلەردە بولسۇن، چوقۇم نەتىجىدىن ئاۋۋال ساپاغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئادەم ئالدى بىلەن ئادەم بولۇشنى ئۆگەنگەندىلا، ئاندىن باشقا چوڭ ئىشلاردىن سۆز ئاچقىلى بولىدۇ. ھازىر بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى يالغۇز پەرزەنت بولغاچقا، بۇ بالىلاردا شەخسىيەتچىلىك ئىدىيەسى بىر قەدەر كۈچلۈك، تەربىيەنى كۈچەيتمىگەندە، بۇ بالىلاردا ساغلام بولمىغان پىسخىكا شەكىللىنىپ قېلىشى مۇمكىن، شۇڭا بالىلارغا يەسلى مائارىپىدىن باشلاپلا ئەخلاق - تەربىيەسى، قانۇن - تۈزۈم تەربىيەسى، مۇھەببەت تەربىيەسىنى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر