باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قىشتىكى ئارىسال ۋاقىتتا كەنتلەردە مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى قىزىپ كەتتى

2016.01.14 17:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (باي ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىن ئىختىيارى مۇخبىرىمىز قەھرىمان روزى خەۋەر قىلىدۇ) قىش پەسلىدىكى ئارىسال ۋاقىتتا، باي ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا-بازار، كەنت، گۇرۇپپىلىرى تۈرلۈك شەكىللەردىكى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قىش پەسلىدىكى مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتتى.

  باي ناھىيە توقسۇن يېزىسىنىڭ كونىشەھەر كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ياردىمىدە ئېلىپ بېرىلغان گىمناستىكا، توپ تۈرلىرى مۇسابىقىسى، سەنئەت كۆركى، ئارقان تارتىشىش قاتارلىق مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەت تۈرلىرى كەنتتىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قىش پەسلىدىكى تۇرمۇشىنى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدۈردى.

  25 ياشلىق مۇقەددەس مالىك كىچىك چېغىدىن تارتىپلا ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ كەسپىي ئارتىس بولمىسىمۇ، كەنتتە پائالىيەت ئۆتكۈزۈلسە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشاتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مۇشۇنداق ياخشى سەھنە ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ تالانتىنى نامايان قىلىشنى ئارزۇ قىلىمەن.

  سەنئەت پائالىيىتىدە كەنتتىكى 20 نەپەر ياش ئوينىغان مەيدان ئۇسسۇلى ــ «كىچىك ئالما» مەيداندىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئىگىلىنىشچە، بۇ ئىشتىن سىرتقى ئارتىسلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 20 ياش بولۇپ، ئۇلار مۇنداق دېدى: «كەنتتىكى مەدەنىيەت پائالىيىتىدە ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى روھىي ھالىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىغا مەنىۋى ئوزۇق ئاتا قىلىمىز».

  مول مەزمۇنلۇق، سەرخىل ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، باي ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى بېيىتىلىپلا قالماستىن، ئاممىنىڭ ساغلاملىق ئېڭى كۈچەيتىلىپ، يېڭى يېزىدىكى يېڭىچە دېھقانلارنىڭ يېڭى قىياپىتى نامايان قىلىندى.

  مۇھەررىر: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر