باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>لى كېچياڭ

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى

2016.01.14 14:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى كېچياڭ 13-يانۋار گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتا، چىرىكلىكنى جازالاش يۇقىرى بېسىم ھالىتىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسى ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش، پاك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن بويىچە ھوقۇقنى باشقۇرۇپ، ھوقۇققا چەك قويدى؛ مالىيە مەبلىغىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەت پۇلىنى قاتتىق باشقۇرۇپ، جامائەت مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئاشۇردى؛ تەكشۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قانۇن، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان ۋە قىلىدىغاننى قىلماسلىق قاتارلىق قىلمىشلارنى قاتتىق جازالاپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش ۋە ھۆكۈمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىشتە يېڭى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. ( شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر