- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2015-يىلى دۆلىتىمىزدە كۈنىگە ئوتتۇراھېساب بىلەن12مىڭ كارخانا قۇرۇلۇپ يېڭى رېكورت ياراتتى
2016.01.14 16:17 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2015-يىلى سودا ئىشلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا ياخشى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. سودا-سانائەت باش ئىدارىسى 13-يانۋار ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى مەملىكەت بويىچە 4مىليون 439مىڭ كارخانا يېڭى تىزىمغا ئالدۇرغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.6ئاشقان، كۈنىگە ئوتتۇراھېساب بىلەن12مىڭ كارخانا يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرۇپ، يېڭى تارىخىي رېكورت ياراتقان.
سودا سانائەت باش ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى يۈ فاچاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سودا ئىشلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى داۋاملىق ئۇرغۇپ تاشتى، بولۇپمۇ 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى «ئۈچ كىنىشكە بىرلەشتۈرۈلۈش، بىر كىنىشكىگە بىر نومۇر بولۇش» تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، 11-، 12-ئايدا يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرۇلغان كارخانىلار سانى ئۇدا يېڭى رېكورت يارىتىپ، ئايرىم ھالدا 460مىڭ ۋە 512مىڭگە يەتتى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر