باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئىككى يىغىن: يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانىلارغا بېرىلىدىغان مۇكاپاتنى يەنە ئۆستۈرۈش كېرەك

2016.01.14 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇملىشىشقا باشلىدى. لېكىن بۇرۇن دۆلەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە تۆھپە قوشقان يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا – ئانىلارنىمۇ ھەرگىز ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقى كېرەك. ئىشچى-دېھقانلار دېموكراتىك پارتىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا - ئانىلارنىڭ مۇكاپات پۇلىنى ئۆستۈرۈشنى تەۋسىيە قىلدى، مەسىلەن، پېنسىيىگە چىققان يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانىلارغا ھەر ئايدا ھەر بىر ئادەمگە 300يۈەن قوشۇپ بېرىش كېرەك. ئىشچى-دېھقانلار دېموكراتىك پارتىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ بىر ئەزاسى مۇنداق دېدى: «ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئېلىمىزدە 30 نەچچە يىل يولغا قويۇلغان يالغۇز پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى تارىخقا ئايلاندى، لېكىن يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا – ئانىغا بېرىلىدىغان مۇكاپات پۇلى ئۆلچىمىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ۋە تەڭسىزلىك مەسىلىلىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ».

  بۇندىن بۇرۇن، «ئاپتونوم رايوننىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى»نىڭ 28-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ « پىلانلىق پەرزەنت كۆرگەن ئاتا - ئانا شەرەپ گۇۋاھنامىسى»نى ئالغان ئائىلە، ئەر-خوتۇن پېنسىيىگە چىققاندا خىزمەت ئورنى ھەر بىرسىگە ھەر ئايدا مائاشىنىڭ % 5 بويىچە مۇكاپات پۇلى قوشۇپ بېرىپ ياكى ھەر ئىككىسىگە 2000 يۈەندىن كەم بولمىغان بىر قېتىملىق مۇكاپات بېرىش كېرەك . شەرەپ گۇۋاھنامىسى ئالغان دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئائىلىسى بولسا، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى 2000 يۈەندىن كەم بولمىغان ئاساستا بىر يولىلا مۇكاپات بېرىشى كېرەك. تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ۋە تۇرمۇش تەننەرخنىڭ ئېشىشىغاا ئەگىشىپ، يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا – ئانىغا بېرىلىدىغان مۇكاپات پۇلى ئۆلچىمىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ۋە ئوخشاش بولمىغان سالاھىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تەمىناتى باراۋەر بولماسلىق مەسىلىلىرى كۈنسېرى گەۋدىلەندى.

  بۇ ئەزا مۇنداق دېدى: ھازىر ئىچكىردىكى بىر قىسىم ئۆلكىلەر مۇناسىۋەتلىك سىياسەت بەلگىلىمىلىرىنى تەڭشىدى، يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا – ئانىغا بېرىلىدىغان مۇكاپات پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى. شىنجاڭنىڭ بۇرۇنقى « نىزام » نىڭ مەزمۇنى تەشەپ «پىنسىيىگە چىققان يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانىلارغا، ھەر ئايدا ھەر بىرىگە 300 يۈەن مۇكاپات پۇلى قوشۇپ بېرىلسا، ياكى ھەر قايسىسىغا 3000 يۈەندىن كەم بولمىغان ئاساستا بىر قېتىمدىلا مۇكاپات پۇلى بېرىش» تەكلىپىنى بېرىمەن.

  بۇنىڭدىن سىرت، شەرەپ گۇۋاھنامىسى ئالغان دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئائىلىسىگە نىسبەتەن، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىر قېتىمدىلا 3000يۈەندىن كەم بولمىغان مۇكاپات پۇلى بېرىشى كېرەك.

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭدا، ئەر - خوتۇن ئىككى تەرەپ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۆمۈرۋايەت بىرلا پەرزەنت كۆرىدىغانلىرى ياكى بىرلا پەرزەنت بېقىۋېلىپ قايتا پەرزەنت كۆرمەيدىغانلىرى، پەرزەنتى 16 ياشقا توشۇشتىن بۇرۇن« يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا - ئانا شەرەپ گۇۋاھنامىسى» ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن؛ ئاز سانلىق مىللەت ئەر – خوتۇنلاردىن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۆمۈرۋايەت ئىككىلا پەرزەنت كۆرىدىغانلىرى ياكى ئىككى پەرزەنت بېقىۋېلىپ قايتا پەرزەنت كۆرمەيدىغانلىرى، پەرزەنتى 16 ياشقا توشۇشتىن بۇرۇن « پىلانلىق پەرزەنت كۆرگەن ئاتا - ئانا شەرەپ گۇۋاھنامىسى » ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر