باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

2016-يىلى شىنجاڭنىڭ GDPنى ئاشۇرۇش نىشانى نېمە ئۈچۈن % 7بولىدۇ؟

2016.01.14 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016-يىلى « 13 - بەش يىللىق پىلان» نىڭ تۇنجى يىلى، بۇ بىر يىلدا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش نىشانى % 7ئەتراپىدا بولۇش پىلانلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ چۈنلىن مۇنداق دېدى : بۇ نىشاننى بېكىتىش نۇرغۇن جەھەتتىن ئويلىشىشنى ئاساس قىلغان.

  ئالدى بىلەن ئومۇمىي جەھەتتە خەلقئارا، دۆلەت ئىچى ئىقتىسادى ۋەزىيىتى نەزەرگە ئېلىندى. ئاساسلىقى مۇنۇلار كۆزدە تۇتۇلدى: دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاجىز ۋەزىيىتى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۆزگەرمەيدۇ؛ ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى تەڭشەش، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنىڭ تەخىرسىزلىكى، ھەرىكەت ئېنېرگىيىسىنىڭ ئايلىنىش قىيىنچىلىقى بىر - بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەنلىكى، ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنىڭ سالمىقىنىڭ يېتەرسىزلىكى ۋە ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنىڭ كەمچىللىكىنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىنىڭ يەنە ئېغىرلىشىشى قاتارلىق قىيىنچىلىقلارنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ؛ مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا تەمىنلەشنىڭ يان قۇرۇلما ئىسلاھاتىنى كۈچەيتىپ، ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، قالدۇقسىزلاشتۇرۇش، پىشاڭسىزلاشتۇرۇش، تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، كەم جايلارنى تولۇقلاش قاتارلىق بەش چوڭ ۋەزىپىنى چىڭ تۇتۇش تەكىتلەندى.

  ئىككىنچىدىن، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ئومۇمىي ئىقتىسادنىڭ ئېشىش مىقدارى تۈپ سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تەدرىجىي ئاستىلايدۇ. % 7لىك ئېشىش سۈرئىتى بويىچە ھېسابلىغاندا،بۇ ئېشىش مىقدارى بەش يىل ئىلگىرىكى% 4لىك ئېشىش سۈرئىتى ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىش مىقدارى بىلەن ئوخشاش.

  ئۈچىنچىدىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىيات شارائىتىدىن قارىغاندا، سىجىل، مۇقىم ئاشۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئاساسىنى ھازىرلىغان. 1 - كەسىپ جەھەتتە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېتىز – ئېرىق سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇقىم ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش كۆلىمى ۋە سەۋىيەسى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىشى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە 1 - كەسىپنىڭ ئېشىش سۈرئىتى % 5تىن يۇقىرى بولىدىكەن. 2 - كەسىپ جەھەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا كۆمۈر بايلىقى ئەۋزەللىكى ۋە تۆۋەن توك باھاسى ئەۋزەللىكى روشەن بۇلۇپ، رەڭلىك، توقۇلما كىيىم - كىچەك، ئېلېكتر كۈچى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپى قاتارلىق ئەۋزەل كەسىپلەرنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ؛ سۇچىلىق، قاتناش، ئېنىرگىيە، شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھەسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى سېلىنما يەنىمۇ ئاشۇرۇلىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە 2- كەسىپنىڭ ئېشىش سۈرئىتى % 7.6كە ئاشىدىكەن. 3 - كەسىپ جەھەتتە، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىگە ئەگىشىپ، تۇرالغۇ ۋە يېمەك - ئىچمەك، ساياھەت قاتارلىق تۇرمۇش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلمەكتە، پۇل - مۇئامىلە، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى تېز تەرەققىي قىلماقتا، كۈتۈنۈش، ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكى، داۋالاش ۋە ساغلاملىق، مەدەنىيەت – تەنتەربىيە، ئۇچۇر ئىستېمالى قاتارلىق يېڭى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى بىر قەدەر ياخشى بۇلۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە 3- كەسىپنىڭ ئېشىش سۈرئىتى % 8تىن ئاشىدىكەن.

  يەنە بىر تەرەپتىن، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى ۋە ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكىمۇ پايدىلىق. ئومۇملاشتۇرۇپ مۆلچەرلىگەندە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىشى 7 % ئەتراپىدا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەكلىپ قىلىندى. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر