باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4– يىغىنىدا 121 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۋېلىندى

2016.01.15 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:13-يانۋار سائەت 12گە قەدەر ( بېيجىڭ ۋاقتى) ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 – يىغىنغا قاتناشقان ھەر مىللەت ۋەكىللەر جەمئىي 121 پارچە تەكلىپنى سۇندى.

  14-يانۋار چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەكلىپ تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قاراپ چىقىشى ئارقىلىق، پەرھات روزى قاتارلىق 10 نەپەر ۋەكىل ئوتتۇرىغا قويغان جۇڭگو يىپەك يولى قەشقەر خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى قۇرۇشىنى قوللاش توغرىسىدىكى تەكلىپ؛ ئەكبەر تۇرغۇن قاتارلىق 12نەپەر ۋەكىل ئوتتۇرىغا قويغان 1-نومۇرلۇق مۇزلۇق ۋە ئۈرۈمچى دەريا ۋادىسىنى قوغداش توغرىسىدىكى تەكلىپ؛ دۇ ۋەنگۇي قاتارلىق 11 نەپەر ۋەكىل ئوتتۇرىغا قويغان ئاپتونوم رايونىمىزدا «خۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش قانۇنى» نى تۈزۈپ يولغا قويۇش چارىسى توغرىسىدىكى تەكلىپ؛ ئايگۈل بايبازار قاتارلىق 10نەپەر ۋەكىل ئوتتۇرىغا قويغان بايلىق ھەقلىق بولۇش ۋە ئېكولوگىيەلىك تولۇقلىما بېرىش تۈزۈمىنى قۇرۇشنى قوللاش توغرىسىدىكى تەكلىپى قاتارلىق 10 تەكلىپ يىغىن تەكلىپى بولدى. يىغىندا ۋەكىللەرسۇنغان تەكلىپلەرنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 – يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 4 - قېتىملىق يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللاش قارار قىلىندى.

  مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىگە ئاساسەن، يىغىن تەكلىپىنى يىغىن ھەيئەت رىياسىتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تاپشۇرىدۇ، دائىمىي كومىتېت ئالاقىدار ئىش بېجىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇش پىكرىنى ئالغاندىن كېيىن، مۇدىرلار يىغىنىدا قارار قىلىنىدۇ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرىلىدۇ. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر