باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن ئوباما بىلەن تېلېفونلىشىپ ئوكرائىنا توقۇنۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرىلەشتى

2016.01.15 14:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 13-يانۋار ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئوكرائىنا توقۇنۇشى، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى، چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

  كرېمل سارىيى تور پونكىتىنىڭ شۇ كۈندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئىككى تەرەپ تېلېفونلاشقان ۋە ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى ئوكرائىنا مەسىلىسىگە تېگىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىردەك كۆرسەتكەن. پۇتىن ئوكرائىنا مەسىلىسىدە چوقۇم يېڭى «مىنسك كېلىشىمى» گە قەتئىي ۋە شەرتسىز ئەمەل قىلىش كېرەكلىكىنى بۇنىڭ يەنە ئوكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى رايونلار بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىش، ئوكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى رايونلار بىلەن ماسلىشىپ ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش، يەرلىك سايلام ئۆتكۈزۈش، ئالاھىدە ئورۇن قانۇنى بىلەن ئومۇمىي كەچۈرۈم قانۇنىنى كۈچكە ئىگە قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر