باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى قىزغىن مۇھاكىمە قىلدى

2016.01.15 13:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 12-يانۋار 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 6- ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى قىزغىن مۇھاكىمە قىلدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدە يىراققا نەزەر تاشلانغان، ئىدىيەسى چوڭقۇر، بايرىقى روشەن بولۇپ كىشىنىڭ دىلىنى يورىتىدۇ. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئومۇملۇقى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك نىشان ۋەزىپىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بەلگە تايىقىلىق رولى نامايان قىلىنغان. جايلار ۋە تارماقلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا توغرىلىنىپ، ئىدىيە ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆز رايونى ۋە تارماقلىرىنىڭ پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە يىتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە، بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنى ئىنتىزام ئارقىلىق باشقۇرۇشنى تەكىتلىدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خېنەن ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يىن جىنخۇا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پەقەت ئىنتىزامنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغاندىلا، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىنتىزام ئېڭىنى ھەقىقىي چىڭىتقىلى بولىدۇ. ئىنتىزامنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش دېگەنلىك ئىنتىزام ئارقىلىق زور كۆپ قىسىم پارتىيە ئەزالىرىنى باشقۇرۇش بولۇپ، پەقەتلا بىر قانچە چوڭ يولۋاسنى تۇتۇشلا ئەمەس.

  شى جىنپىڭ بۇ يىلقى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئۈستىدە توختالغاندا: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى ئاساسىي قاتلامغا قاراپ چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم، دەپ كۆرسەتتى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ گۇاڭياۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى بۇ تەلەپنى قاتلاممۇ قاتلام يەتكۈزۈشى كېرەك. بىز بىر تەرەپتىن چوڭ، مۇھىم دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىمىز، يەنە بىر تەرەپتىن خەلق ئاممىسىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىغا چىرىككە قارشى تۇرۇش ئېلىپ كەلگەن نەتىجىلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر