باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۈگۈردىكى يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىدە توختاپ قالغان توققۇز قېتىملىق پويىز قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈردى

2016.01.15 14:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 14- يانۋار شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، تۆمۈر يول تارماقلىرىنىڭ كېچىلەپ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق، بۈگۈر ناھىيىسىدىكى يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئىتىۋىتىلگەن جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يول بۆلىكى شۇ كۈنى ېبيجىڭ ۋاقتى 11دىن 24مىنۇت ئۆتكەندە قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈردى، توختىتىپ قويۇلغان توققۇز قېتىملىق پويىز كەينى كەينىدىن مۇساپىسىنى داۋاملاشتۇردى.

  14-يانۋار سەھەر سائەت 5تىن 18مىنۇت ئۆتكەندە، بۈگۈر ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن 5.3بال يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىدە جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يول بۆلىكىدىكى مالەن - كورلا ۋوگزالى ئوتتۇرىسىدىكى يۈرۈش لىنىيىسى، كورلا شىمالىي ۋوگزالىدىن توقسۇ ۋوگزالى ئارىسىدىكى يۈرۈش لىنىيىسى، كۇچا غەربىي ۋوگزالىدىن شامالباغ ئارىسىدىكى يۈرۈش لىنىيىسى، قارا شەھەردىن موگاتۇ ۋوگزالى ئارىسىدىكى ئارىلىق لىنىيە قاتارلىق لىنىيىلەر قامال قىلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يول لىنىيىسىدىن ئايلىنىپ ئۆتىدىغان باۋجىدىن ئاقسۇغا بارىدىغان K1661- نۆۋەتلىك يولۇچىلار پويىزى قاتارلىق توققۇز قېتىملىق پويىز توختىتىپ قويۇلغان، تۆمۈر يول تارماقلىرى دەرھال جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، خادىملارنى تەشكىللەپ، تەۋرەش سىزىمى بولغان رايونلاردىكى يول بۆلىكىدىكى لىنىيە، كۆۋرۈك، تونېل، سىگنال قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بىخەتەرلىككە ھۆكۈم قىلغاندىن كىيىن قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

  بۇ سەۋەبتىن، بىرقىسىم يولۇچىلار پويىزى بېكەتكە كېچىكىپ بارىدىغان بۇلۇپ، تۆمۈر يول تارماقلىرى يولۇچىلارنى ۋوگزالنىڭ ئوقتۇرۇشىغا دىققەت قىلىشنى، ياكى مۇلازىمەت تېلىفونى 12306غا تىلفون قىلىپ، ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى سۈرۈشتە قىلىشنى ئەسكەرتىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر