باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>بىلىم ــ كۈچ

«ئاي پەرى 4-» تۇنجى قېتىم ئاي شارىنىڭ كەينى تەرىپىگە سىلىق قونىدۇ

2018-يىلى قويۇپ بېرىش مۆلچەرلەندى، بىر تۈركۈم مۇھىم تەتقىق نەتىجىلىرىگە ئېرىشىدۇ

2016.01.15 14:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 14-يانۋار دۆلەت مۇداپىئە، پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى «ئاي پەرى 4-» ناملىق تەكشۈرگۈچى ئۇچقۇنىڭ ۋەزىپىسىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاپ، 2018-يىلى قويۇپ بېرىشنى پىلانلىغان. ۋەزىپىدە دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم ئادەملىك تەكشۈرگۈچى ئۇچقۇنى ئاي شارىنىڭ كەينى تەرىپىدە سىلىق قوندۇرۇپ، ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ يەر شارى بىلەن ئاي شارى ئارىسىدىكى 2L نۇقتىدا يەر شارى بىلەن ئاي شارىنى تۇتاشتۇرۇپ خەۋەرلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلىشىچە، «ئاي پەرى 4-» ناملىق قونۇش ئاپپاراتى بىلەن كۆزىتىش ئاپپاراتى ئاي شارىنىڭ كەينى تەرىپىدە سىلىق قونۇپ، ئورۇن ئېلىپ، كۆزىتىپ تەكشۈرىدىكەن ۋە ئارىدىن تۇتاشتۇرغۇچى سۈنئىي ھەمراھ يەر شارى بىلەن ئاي شارىنىڭ تارتىش كۈچى تەڭپۇڭ نۇقتىسى بولغان لاگرانژې 2L نۇقتىسىدا تۇتاشتۇرۇپ خەۋەرلىشىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن زور بىر تۈركۈم ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئېرىشىپ، ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ساھەسىدە ئارمىيە خەلقىنى ماسلاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن مۇھىم تەجرىبىلەرنى توپلايدىكەن. «ئاي پەرى 3-» ناملىق تەكشۈرگۈچى ئۇچقۇنىڭ زاپىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن «ئاي پەرى 4-» ناملىق تەكشۈرگۈچى ئۇچقۇ بىلەن توشۇغۇچى راكېتانىڭ مەھسۇلاتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ھازىرلانغان. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر