باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى « نوپۇسسىز خادىملارنى تىزىملاش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى

2016.01.15 13:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا « نوپۇسسىز خادىملارنى تىزىملاش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى، پىكىردە نوپۇسسىز خادىملارنى تىزىملاش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى يېتەكچى ئىدىيە، ئاساسىي پىرىنسىپ، ۋەزىپە نىشان ۋە كونكرېت سىياسەت تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  پىكىردە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: قانۇن بويىچە بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر بىر پۇقرانىڭ قانۇن بويىچە نوپۇس تىزىملىتىشتەك قانۇنلۇق ھوقۇقىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. نوپۇسسىز خادىملارنى تىزىملاش نوپۇس سىياسىتىنى ئايرىم ئەھۋالغا، تۈرلەرگە قاراپ يولغا قۇيۇش لازىم. ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشتۈرۈش، نوپۇسسىز خادىملارنىڭ نوپۇسىنى تىزىملاش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بىلەن پىلانلىق تۇغۇت، بېقىۋېلىشنى تىزىملاش، سەرگەردان تىلەمچىلەرنى قۇتقۇزۇش، دۆلەت تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش قاتارلىق ئالاقىدار ساھەلەردىكى سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر تۇتاش ئويلىشىپ، تەڭكەش ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  پىكىردە مۇنۇلار تەكىتلەندى: نوپۇس تىزىملاش سىياسىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نوپۇس تىزىملاش بەلگىلىمىسىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ھەرقانداق ئالدىنقى شەرت تەسىس قىلىشنى مەنئى قىلىش كېرەك. نوپۇس تىزىملاشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نوپۇسسىز خادىملارنىڭ نوپۇسى تىزىملاش مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىپ، ھەر بىر پۇقرانىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسنى قانۇن بويىچە تىزىملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، مەملىكەت بويىچە نوپۇس ۋە پۇقرالارنىڭ كىملىك نومۇرىنىڭ توغرىلىقى، بىردىن-بىرلىكى، نوپۇزلۇقلىقىدىن ئىبارەت نىشاننى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  پىكىردە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: رايونلار، ئالاقىدار تارماقلار نوپۇسسىز خادىملارنى نوپۇسقا ئېلىش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقى، جىددىيلىكىنى تولۇق تونۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئەتراپلىق تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، سىياسەت تەدبىرلەرنى تەپسىلىلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر