خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇمىلاققىنە « قار لەيلىسى بالا »، ئۇسسۇل ئويناۋاتقان قىز - يىگىتلەر، ئېشەككە تەتۈر مىنگەن نەسىرىدىن ئەپەندى، قەدىمكى تېرە چاڭغا ئۇسسۇلىنى ئورۇنداۋاتقان قازاق بوۋاي . . . 17- يانۋار چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئېچىلىش مۇراسىمى سىناق تەرىقىسىدە رېپېتس قىلىندى. دۇمىلاققىنە كەلگەن قار لەيلىسى بالا مېھمانلارنى قىزغىن كۈتۈۋېلىپ رېپىتىسنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى.
ئىگىلىنىشىچە، مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئېچىلىش مۇراسىمى تەخمىنەن 50 مىنۇت بولۇپ، « مەملىكەتلىك نەزەر دائىرە، تەنتەربىيە ئېلېمېنتى، شىنجاڭ ئۇسلۇبى» ئومۇمىي گەۋدە بويىچە ئىپادىلەنگەن ھەيۋەتلىك، سەلتەنەتلىك، ھازىرقى زامان تەنتەربىيە روھى، قار - مۇز تەنھەرىكىتى ئېلېمېنتى ۋە شىنجاڭ مەدەنىيەت - تەنتەربىيە ئالاھىدىلىكى بىرگەۋدىلەشكەن بۇلۇپ، ھەممىلا يەردە شىنجاڭ ئامىلىنى ئەكس ئەتتۈردى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ت.ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى