باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاكىستان جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى قۇرۇشنى قارار قىلدى

2016.01.18 13:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، پاكىستان ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى قۇرۇشنى قارار قىلدى. پاكىستان زۇڭلىسى شېرىف شۇ كۈنى ھەر قايسى پارتىيەلەر رەھبەرلىرىنىڭ كېڭىشىشىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بۇ كومىتېتقا شېرىف رەئىس بولىدۇ. يىغىندا بۇ كومىتېتنىڭ ھەر ئۈچ ئايدا بىر قېتىم يىغىن ئېچىپ، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋاللىرىنى يەكۈنلەش قارار قىلىندى. يىغىندا يەنە جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى بويىدىكى سانائەت باغچە رايونلىرىنىڭ ئورنىنى پاكىستان فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ھەر قايسى ئۆلكىلەر بىلەن كېڭىشىپ بېكىتىش، فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەر قايسى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر سانائەت باغچە رايونلىرىنىڭ يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى چىقىمىنى ئايرىم-ئايرىم ئۈستىگە ئېلىش قارار قىلىندى. باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: يىغىنغا قاتناشقان ئەزالار جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى تامامەن قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشى جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىدا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ھەر قايسى رايونلارنىڭ مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى ماسلاشتۇرىدۇ ۋە نەزەرگە ئالىدۇ دەپ ھېسابلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر