باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغانلارغا «تۆر»دىن ئورۇن بېرەيلى

2016.01.18 14:31         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىن ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغانلار 4000دىن ئاشىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 3500دەك ئادەم ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ ئىشلەۋېتىپتۇ. ھازىر ھەر يىلى ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغانلار 3000دىن ئاشىدىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇپ قايتىپ كەلگەنلەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشقان، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم مۇنەۋۋەر خادىملار ھەر قايسى ساھەلەردىكى باشلامچىلار، تەتقىقات تۈر مەسئۇللىرى ۋە يېتەكچى كۈچلەردىن بولۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىزدىن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغانلارنىڭ شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىدە سەل قاراشقا بولمايدىغان بەزى مەسىلىلەر ساقلانغان. سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالار «دوكلات»نى مۇزاكىرە قىلغاندا، بۇ مەسىلە توغرىسىدا بىر قاتار تەكلىپ، پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ئەزا پاتەم بارات، پەرھات ئابدۇرېھىم مۇنداق دېدى: بىرىنچىدىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش جەھەتتىكى سىياسەت تەدبىرلىرىنى تازا مۇكەممەل دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. ئىككىنچىدىن، چەت ئەلدە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەن ئىختىساسلىقلارنى تۇتۇپ قالالماسلىق مەسىلىسى يەنىلا بىر قەدىر ئېغىر بولۇۋاتىدۇ. ئۇلارغا قارىتىلغان ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەت مۇھىتى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىشتا يەرلىك ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ۋە يېتىشتۈرۈشكە سەل قارىلىۋاتىدۇ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش يېتەرسىز بولۇۋاتىدۇ. تۆتىنچىدىن، چەت ئەلدە ئوقۇپ شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان، ئىگىلىك تىكلىگەنلەرنىڭ كەسپىي جەھەتتىن پىكىر ئالماشتۇرۇش سۇپىسى كەمچىل بولۇۋاتىدۇ.ئۇنداقتا، چەت ئەلدە ئوقۇغانلارنىڭ شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى قانداق قىلغاندا يەنىمۇ كۈچەيتكىلى بولىدۇ؟

  ئەزا پاتەم بارات بۇ مەسىلە ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق تەكلىپ بەردى:

  بىرىنچىدىن، ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چەت ئەلدە ئوقۇغان ئىختىساسلىقلارنى تۈركۈملەپ قوبۇل قىلىشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، چۈنكى، شىنجاڭنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى ھەر ساھە، ھەر كەسىپ بويىچە ئىدىيەسى ئىلغار، تەپەككۇر يولى ئېنىق، تەتقىقات تىپىدىكى ئىختىساسلىق خادىملارغا موھتاج بولىدۇ. شۇڭا، ئاپتونوم رايون ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، تېخىمۇ كۆپ تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئىشلىشىگە مەدەت بېرىشى ۋە ئۇلارنى جەلپ قىلىشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بولۇپمۇ، پەن - تەتقىقات خىراجىتى، تۇرالغۇ تولۇقلىمىسى ۋە تۇرمۇش ياردەم پۇلى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئىختىساسلىقلارنى تۇتۇپ قېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. بولۇپمۇ، ئۇنۋان باھالاش، مائاش تەمىناتىنى بېكىتىش، پەن تەتقىقات تۈرلىرىنى تەقسىم قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە چەت ئەلدە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەنلەرگە مايىل بولۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش كېرەك. تۆتىنچىدىن، چەت ئەلدە ئوقۇپ كەلگەنلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. بەشىنچىدىن، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ رەسمىيەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ئۇلارغا ھەر قايسى جەھەتتىن قولايلىق يارىتىپ بېرىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر