باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنى يېپىلدى

جاڭ چۈنشيەن، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، چې جۈن، خەن يۇڭيىغىنغا قاتناشتى، نۇرلان ئابىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى  بەي جىجيې، قادىر قانمىراسقان سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىكىگە تولۇقلاپ سايلاندى

2016.01.18 10:55         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنى تۈرلۈك كۈنتەرتىپلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 15 - يانۋار چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ «خەلق» سارىيىدا يېپىلدى. يىغىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور، تېخىمۇ يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشقا چاقىردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ليۇ يەنلياڭ، رىزۋان ئەبەي، جۈرئەت ئىمىن، ليۇ جىيۇڭ، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۈەن، چېڭ جېنشەن، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، يۈ شيۇدۇڭ، ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭىدىن تولۇقلاپ سايلانغان مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن بەي جىجيې، قادىرقان مىراسقان، باش كاتىپ ليۇ جېنچياڭ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.جاڭ چۈنشيەن، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، چې جۈن، خەن يۇڭ، لى ۋېي، خۇاڭ ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۈن، ئەركىنجان تۇراخۇن، شيۇڭ شۈەنگو، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ليۇ شىنچى قاتارلىق رەھبەرلەر رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 523، ئەمەلىي قاتناشقان ئەزا 466 بولۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن.

  يىغىندا ماۋكەن سېيىتقامزانىڭ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىك، ئەزالىق ۋەزىپىسىدىن سورىغان ئىستېپانامىسى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى؛ سايلام چارىسى، باش بېلەت نازارەتچىسى ۋە بېلەت نازارەتچىسىنىڭ ئىسىملىكى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى؛ يىغىن ئەستايىدىل غۇلغۇلا قىلىش، دېموكراتىك كېڭىشىش ئارقىلىق نامسىز بېلەت تاشلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بەي جىجيې، قادىرقان مىراسقاننى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىكىگە، ئابدۇۋايىت سەئىدۋەققاس، دۇڭ ۋېينى سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلاپ سايلىدى.يىغىندا، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىنىڭ سىياسىي كېڭەش 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنى تەكلىپ كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىنىڭ تەكلىپلىرىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنداق دېدى: ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىن مەزگىلىدە يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ئۆز فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پىكىر - تەكلىپلەرنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ يېڭى دەۋردىكى روھىي قىياپىتىنى تولۇق نامايان قىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىن كۈچنى مۇجەسسەملىگەن، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەن، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتى جارى قىلدۇرۇلغان، تەرەققىيات ئۈستىدە چارە - تەدبىر كۆرسىتىلگەن يىغىن بولدى.

  نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى نورمال ھالەتتىكى يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداش جەھەتتە كۈچ چىقىرىشىمىز لازىم. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە كۈچنى مۇجەسسەملەشنىڭ 1 - سېپىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشى لازىم؛ سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاقە دائىرىسى كەڭ، ئالاقە يوللىرى راۋان بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئامما بىلەن ئالاقە باغلاپ، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مۇقىملىقنى قوغداش جەھەتتىكى رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش لازىم؛ ئاممىغا قارىتىلغان تەشۋىقات، تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەل قەلبىنى مايىل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش لازىم؛ يېڭى نورمال ھالەتتىكى يېڭى ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات ئۈچۈن ئاكتىپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىش لازىم. بولۇپمۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ «13 - بەش يىل»لىق پىلاندىن ئىبارەت مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتىن ئىبارەت نىشان، ۋەزىپىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، ئەمەلىي قىممىتى يۇقىرى، پايدىلىنىشقا بولىدىغان تەكلىپ - پىكىرلەرنى كۆپرەك ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلمىي ھەم دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلىشىنى ئەقلىي مەدەت بىلەن تەمىنلەش لازىم؛ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلاھاتقا دائىر سىياسەت - تەدبىرلىرىنى ئاكتىپ تەشۋىق قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى ساھەلەرنى ئىسلاھاتنى چۈشىنىشكە، ئىسلاھاتنى قوللاشقا، ئىسلاھاتقا ماسلىشىشقا ۋە ئىسلاھاتقا قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، ئىسلاھاتنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن بولۇش لازىم؛ «پاكىز شىنجاڭ» قۇرۇلۇشىنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە كىشىلىرىنى «پاكىز شىنجاڭ» قۇرۇش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ۋە ئۇنىڭدىن ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىشقا سەپەرۋەر قىلىش لازىم؛ يېڭى نورمال ھالەتتىكى يېڭىچە ھالەتتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىيىتىنى ۋە ئوبرازىنى قوغداشقا ئاكتىپ كۈچ چىقىرىش لازىم؛ بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەشنى چۈشىنىش، كېڭىشىشنى بىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا ماھىر بولۇپ، سىياسىي ئۆتكەلنى ئىگىلەش ئىقتىدارى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىقتىدارى، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش ئىقتىدارى ۋە ھەمكارلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىلغارلاردىن بولۇشقا تىرىشىش كېرەك؛ زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىش جەريانىدا سۆز - ھەرىكەتتە دۇرۇس بولۇشقا، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىشقا يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك قىممەت قارىشى ۋە شىنجاڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇلارنى زامانىۋى شىنجاڭلىقلاردىن بولۇشقا يېتەكلەش لازىم؛ سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئامما بىلەن سىرداش، قەلبداش بولۇپ، ئۇلارنى بىللە ياشاش، بىللە ئۆگىنىش، بىللە ئىشلەش ۋە بىللە كۆڭۈل ئېچىشقا يېتەكلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆزئارا ئالاقە ۋە باردى - كەلدىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك. سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ «لېكتورلار ئۆمىكى» ۋە «تەشۋىقاتچى» بولۇشتەك رولىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن مەدھىيەلەپ، تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ياخشى تەشۋىقاتچىلىرىدىن بولۇش لازىم؛ ئومۇمىيەتنى زىچ چۆرىدەپ، ئومۇمىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلبىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم.

  رەئىس سەھنىسىدە ئولتۇرغان رەھبىرىي يولداشلاردىن يەنە ۋاڭ يۇڭمىڭ، جاپپار ھەبىبۇللا، ما مىڭچېڭ، تېلىۋالدى ئابدۇرېشىت، ھۆرىگۈل جاپپار، دۇڭ شىنگۇاڭ، جاڭ بو، نىجات سۇلتان، شى داگاڭ، جۇ چاڭجيې، مۇتەللىپ قاسىم، جارۇللا ھېسامىدىن، ماغاۋ سېيىتقامزا، تيەن ۋېن، خۇاڭ چاڭيۈەن، سەمەد مۇھەممەد، يەن فېنشىن، مۇتەللىپ ئۇبۇل، گو ليەنشەن، نىشان ئىبراھىم قاتارلىقلار بار.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم مەسلىھەتچىلىرى، مەدەنىيەت - تارىخ يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى، بىر قىسىم ئوبلاست، شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولمىغان پارتگۇرۇپپا شۇجىلىرى ۋە رەئىسلىرى، ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ پارتگۇرۇپپا شۇجىلىرى ۋە مۇدىرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللىرى، ۋىلايەت، ئوبلاست (شەھەر) لىق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈملىرىنىڭ باشلىقلىرى، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسلىرى ۋە پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈملىرىنىڭ باشلىقلىرى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى ۋە ھەر قايسى مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولمىغان مەسئۇللىرى، چەت ئەللەردىكى شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت مۇھاجىر قېرىنداشلار ۋەكىللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر