باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بەرپا قىلايلى

−− يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى ئەمەلىيىتى توغرىسىدا

2016.01.18 14:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا چوقۇم قاتتىق قول بولۇش كېرەك. پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چىڭ تۇتقانلىق، دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ مۇھىم ھالقىسىنى چىڭ تۇتقانلىق. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدا بىر قاتار يېڭى، مۇھىم ئىدىيەرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى، ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  ئەل رايى ئەڭ چوڭ سىياسەت. پارتىيەنى ياخشى باشقۇرمىغاندا ئەل رايىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ؛ پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرمىغاندا، دەۋر تەرىپىدىن شاللىنىدۇ.

  «كۈچلۈك بولساڭ تۆمۈر سوقالايسەن.» 2012-يىلى 15-نويابىر، يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى باش شۇجىسى شى جىنپىڭ «خەلق» سارىيىنىڭ شەرقىي زالىدا، 500دىن ئارتۇق جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار ئالدىدا، دۇنياغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ بۇرچ، مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلدى: «بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار بىلەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە، پارتىيەنى پارتىيە باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىمىزدە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي بىر تەرەپ قىلىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، پارتىيىمىزنى باشتىن-ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.»

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىككى كۈندىن كېيىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ 1-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پۈتۈن پارتىيە تەخىرسىزلىك ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ باش تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىدىيە، ئىشەنچنى مۇستەھكەملەپ، خەلق بىلەن قان-قېرىنداش بولۇپ، پارتىيەنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك قىلىش ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، ئىستىل ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خەۋپ-خەتەرگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيىمىزنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تارىخىي مۇساپىسىدە چىڭ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا باشتىن-ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر