باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەلرايىغا ھۆرمەت قىلىش قۇرۇق ۋەدە ئەمەس

2016.01.18 10:54         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  14 - يانۋار چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىل، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى يىن يۈلىن قەشقەر ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندىن كېيىن، ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: جاڭ چۈنشيەن شۇجى خۇنەن ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن خىزمەتلەرنى ناھايىتى ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. ئاپتونوم رايونىمىزدا بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، ئامما ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتى، مەسىلەن: ئاپتونوم رايون «12 - بەش يىل»دا ئاممىنى 12 تۈرلۈك ھەقسىز ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت تۈرى بىلەن تەمىنلىدى، بولۇپمۇ «باھار مايسىلىرى قۇرۇلۇشى» يولغا قويۇلۇپ، ئالتە نۇقتىلىق دوختۇرخانا 400 مىڭدىن ئارتۇق بالىنى تەكشۈرۈپ، نۆل ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلاردىن 50 مىڭدىن ئارتۇقىنى داۋالاپ، 4688 قېتىم ئوپېراتسىيە قىلدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئامما بۇ ئىشتىن ھەقىقەتەن خۇش بولدى، نۇرغۇن كىشى دوختۇر ۋە سېسترالارغا رەھمىتىنى ئېيتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىتىدىن مىننەتدار بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. داۋالاش سەھىيە ئورگىنى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن جاڭ چۈنشيەن شۇجىغا رەھمەت ئېيتىمىز.

  يىن يۈلىننىڭ قارشى تەرىپىدە ئولتۇرغان ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىن يۈلىننىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ خۇنەندە خىزمەت قىلغان ۋاقتىدىكى كەچۈرمىشىنى ئەسلىدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بىر قېتىم ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەۋېتىپ، بىر بالىنىڭ تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلدىم، بالا ئورۇق ھەم ئاجىز ئىدى، بالىنىڭ ئائىلىسى نامرات بولغاچقا، بالىنى داۋالىتىشقا قۇربى يەتمەپتۇ. ئاتا - ئانىسىمۇ ئىلاجىسىز قاپتۇ. شۇ چاغدا كۆڭلۈم بەك بېرىم بولغانىدى...

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئەھۋال يالغۇز بۇ ئائىلىدىلا مەۋجۇت ئەمەس، شۇ ۋاقىتتا مەن ئۆلكە مالىيەسىدە قىيىنچىلىق بولسىمۇ، بۇ قىيىن مەسىلىنى چوقۇم ھەل قىلىش كېرەك، دەپ ئويلىدىم.

  شۇ قېتىم جاڭ چۈنشيەن قەتئىي نىيەتكە كېلىپ تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى داۋالاش ۋە قۇتقۇزۇش نىيىتىگە كەلگەنىدى.

  2011 - يىل 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خۇنەن ئۆلكىلىك سەھىيە نازارىتى، خەلق ئىشلىرى نازارىتى، مالىيە نازارىتى بىرلىشىپ، «ئۆلكە بويىچە يېزىلاردىكى ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش ۋە قۇتقۇزۇش كاپالىتى سەۋىيەسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئائىت پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، يېڭىدىن يېزىلاردىكى تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى ھەقسىز داۋالاش ۋە قۇتقۇزۇش تۈرىدىن تۆتنى كۆپەيتتى. شۇنىڭدىن بۇيان خۇنەندىكى تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى داۋالىتالماسلىق ھەم داۋالاش چىقىمىنى كۆتۈرەلمەسلىك مەسىلىسى تارىخقا ئايلاندى.

  شىنجاڭدىكى كېسەل بالىلارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى باشلاندى2010 - يىلى 4 - ئايدا جاڭ چۈنشيەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 1 - سىياسىي كومىسسارى بولدى. خىزمەت ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشى جاڭ چۈنشيەننىڭ خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش ئىرادىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.

  2011 - يىلى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»دا، جاڭ چۈنشيەن خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دېگەنىدى: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار 22 چوڭ تۈر يولغا قويۇلىدۇ، ئۇنى كۈچ سەرپ قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. «خەلق تۇرمۇشى ھەممىدىن ئەلا، ئامما بىرىنچى، ئاساسىي قاتلام مۇھىم» بولۇشتا چىڭ تۇرۇش −− ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر مىللەت ئاممىغا بەرگەن مۇھىم ۋەدىسى.ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونىمىزدا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ بىر يىلدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۈچ كۈندە بىر تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى كۈنسېرى ئاشقان.

  جاڭ چۈنشيەن تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى داۋالاش ۋە قۇتقۇزۇشنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «خەلق تۇرمۇشى» قۇرۇلۇشى يىلىدىكى 22 تۈرلۈك نۇقتىلىق قۇرۇلۇش قاتارىغا كىرگۈزۈپ ئۇزاق ئۆتمەي، 2011 - يىل 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى «باھار مايسىلىرى قۇرۇلۇشى −− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى داۋالاش، قۇتقۇزۇش تۈرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش لايىھەسى» رەسمىي يولغا قويۇلغان.شۇنىڭغا ئۇلاپلا، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاق قان كېسىلى، كۆزگە ئاق چۈشۈش، ئىككى راك(بالىياتقۇ بوينى راكى، سۈت بېزى راكى) قاتارلىق كېسەللەرگە قارىتا ھەقسىز تەكشۈرۈش، داۋالاش تۈرى يولغا قويۇلغان.

  قەشقەر كونىشەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى −− ئەلرايىغا ھۆرمەت قىلغان ئۆرنەك قۇرۇلۇش

  2010 - يىلى 5 - ئايدا جاڭ چۈنشيەن تۇنجى قېتىم قەشقەرگە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا باردى. ئۇ كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش تۈرىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، ئۆزگەرتىش بىلەن ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى قوغداشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى ھىممەت قۇرۇلۇشى ۋە مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش قۇرۇلۇشى قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى بېجىرىشنى تەلەپ قىلدى.

  شۇ يىلى قەشقەر شەھىرىنىڭ كونىشەھەر رايونىنى قوغداش، ئۇنىۋېرسال تۈزەش تۈرى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى. بۇ تۈرگە سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 7 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، 8.3 كىۋادرات كىلومېتىر دائىرىدىكى 28 رايون، 220 مىڭدىن كۆپرەك كىشىنىڭ خەتەرلىك، كونا ئۆيى ئۆزگەرتىلدى.

  ئارىدىن بەش يىل ئۆتۈپ، قەشقەر كونىشەھەر مەركىزىي رايونىدىكى خەتەرلىك كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى، ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى %85 پۈتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەركىزىي رايوندىكى 15 كوچا، ئەتراپتىكى 18 كوچىنى خاسلىقى بويىچە ئۆزگەرتىپ ياساشمۇ ئەمەلگە ئاشتى. بۇلتۇر ئىيۇلدا قەشقەر كونىشەھەر رايونى دۆلەت «AAAAA» دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بۇ تۈرنى يولغا قويۇش جەريانىدا، بىز باشتىن - ئاخىر ئىنسانىيلىققا ھۆرمەت قىلىپ، سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتتۇق؛ ئەلرايىغا ھۆرمەت قىلىپ، ھەر بىر يۈرۈش ئۆينى ئۆز ئۇسلۇبى بويىچە لايىھەلەپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ قولايلىق، ئازادىلىك بەخش ئەتتۇق. بولۇپمۇ مەدەنىيەتكە، خەلق تۇرمۇشىغا ھۆرمەت قىلىپ، ساياھەت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلمىي پىلانلىدۇق. ھۆرمەت قىلغاندىلا، ئاندىن ئاۋامنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ماختىشىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇلتۇر كونىشەھەر رايونىغا تەكشۈرۈشكە بارغاندا، مىس بۇيۇملارنى ساتىدىغان بىر دۇكانغا كىردىم، دۇكاندار مېنى كۆرۈپ بەك خۇشال بولۇپ كەتتى، ئۇنىڭدىن نېمىگە خۇشال بولۇۋاتقانلىقىنى سورىسام، ئۇ: ھازىر ساياھەتچىلەر كۈنسېرى كۆپەيدى، سودا جانلاندى، كۆڭلىمىز يايراپ كەتتى، دېدى.

  جاڭ چۈنشيەن قەشقەر ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە مۇنداق دېدى: خۇددى قەشقەر كونىشەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىشتە ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغىنىمىزغا ئوخشاش خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرغاندا، ياخشى تەرەققىيات قارىشىغا ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، ماس تەرەققىي قىلىش، تەرەققىيات يېشىل بولۇش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش»تىن ئىبارەت بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى ئۆزلەشتۈرۈشى، ياخشى ئىگىلىشى كېرەك. گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشى، ئەلرايىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، خەلق ئاممىسى تۇرمۇشنىڭ باياشات، ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ مۇقىم، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاق بولۇشىنى، بالىلارنىڭ ئوقۇيدىغانغا كىتابى، ياشانغانلارنىڭ تايىنىدىغانغا يۆلەنچۈكى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا نۇرغۇن ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، تىرىشساقلا ئۆزگەرتەلەيمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر