باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۆتكەن يىلى شىنجاڭدىكى تۆت چوڭ نېفىتلىك 27 مىليون 880 مىڭ توننا خام نېفىت ئىشلەپچىقاردى

2016.01.18 13:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭدىكى تۆت چوڭ نېفىتلىكنىڭ ئەڭ يېڭى مەھسۇلات مىقدارى مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە،ئۆتكەن يىلى 27 مىليون 880 مىڭ توننا خام نېفىت ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، 2014-يىلدىكىدىن 820 مىڭ توننا كۆپ ئىشلەپچىقارغان.

  قاراماي نېفىتلىكى، تارىم نېفىتلىكى، تۇرپان قۇمۇل نېفىتلىكى، تارىم دەرياسى نېفىتلىكىنىڭ مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە،2015-يىلى شىنجاڭنىڭ خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى پۈتۈن مەملىكەت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %12.8 نى ئىگىلەپ، مەملىكەت بويىچە خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىشتىكى ۋەزىپىسى يەنىمۇ ئېغىرلىغان.ھەر قايسى نېفىت تەبىئىي گاز كارخانىلىرىنىڭ پىلانىغا ئاساسلانغاندا، 2020-يىلى شىنجاڭنىڭ خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 29 مىليون توننىغا يېتىدىكەن؛ تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى 36 مىلىيارت كۇب مېتىرغا يېتىدىكەن.

  شىنجاڭنىڭ نېفىت بايلىقى 22 مىليارد 800 مىليون توننا يېتىدىغان بولۇپ، مەملىكەت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %22 نى ئىگىلەيدىكەن. ئېلىمىز نېفىت سانائىتىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورنىنى ئېلىش رايونى ئىكەن. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن بۇيان، دۆلەت شىنجاڭنىڭ نېفىت تەبىئىي گاز بايلىقىنى قېدىرىش ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، زور بۆسۈشنى قولغا كەلتۈردى؛ ئېنىقلانغان زاپاس مىقدارى يىلمۇ يىل ئاشتى؛ مۇشۇ ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، يىلىغا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان نېفىت زاپاس مىقدارى 200 مىليون توننىدىن ئاشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر