خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ( باي ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسىدىن قۇربان موللانىياز,قەھرىمان روزى فوتوسى) يېقىندا جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېنجۇ شەھىرى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ 500مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىشى بىلەن، باي ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ۋېنجۇ شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ۋېنجۇ-باي يىراق مۇساپىلىك كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش مەركىزى قۇرۇپ، باي ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئىشىكى ئالدىدىلا داۋالاش تېخنىكىسى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلدى. يىراق مۇساپىلىك دىئاگىنوز قويۇش مەركىزىنى قۇرۇلۇپ, ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغاندىن كېيىن، باي ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ داۋالاش تېخنىكا سەۋىيەسى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
سۈرەتتە:15-يانۋار باي ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئىچكى كېسەللىكلەر 2-بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ياڭ خۇا يىراق مۇساپىلىك دىئاگىنوز قۇيۇش سىستېمىسى ئارقىلىق بىر بىمارنىڭ داۋالاش لايىھەسىنى تۈزمەكتە.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى