باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل توك قاچىلاش ئۈسكۈنىسى سەپلىگەن مەھەللە 2000دىن ئاشتى

2016.01.18 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 17 –يانۋار بېيجىڭ شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشى كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى بارغانسىرى يېڭى ئېنىرگىيەلىك كىچىك ئاپتوموبىلنى قوللىنىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئۆزى ئىشلىتىدىغان توك قاچىلاش ئۈسكۈنىسىنى شارائىتى يار بېرىدىغان ئولتۇراق رايونلاردا ئومۇملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. 2015-يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بېيجىڭ شەھرىدىكى 2108 مەھەللىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك كىچىك ئاپتوموبىل ئۆزى ئىشلىتىدىغان توك قاچىلاش ئۈسكۈنىسى سەپلەندى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاپتوموبىل ئىگىسى توكلۇق ئاپتوموبىل سېتىۋالغاندىن كېيىن، مۇقىم ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى ياكى ئۇزاق مۇددەت ئىجارىگە ئېلىپ ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇش، مەھەللىدە يېتەرلىك مىقداردىكى ئېلېكتر سىغىمى بولۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىككى شەرتنى قاندۇرغاندا، ئۆي - زېمىن خوجىلىقى ئاندىن ماسلىشىدىغان توك قاچىلاش ئورنىنى بىكىتىپ بېرىدۇ. نۆۋەتتە، ئولتۇراق رايونلارغا قۇرۇلغان ئۆزى ئىشلىتىدىغان توك قاچىلاش ئۈسكىنىسى 8312غا يەتكەن. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر