باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى : 2016 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن 440مىڭ ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ

2016.01.19 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمەت يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە ، 2016 - يىللىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىگە ئاساسلىق خىزمەت نىشانى تۆۋەندىكىدەك بولىدىكەن: شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى 440مىڭ ئادەمگە كۆپەيتىش، يېزا - بازارلاردىكى تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى 4.5 % ئىچىدە كونترول قىلىش؛ يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى 2مىليۇن 200مىڭ ئادەم ( قېتىم )گە يەتكۈزۈش؛ ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى % 85تىن يۇقىرى بولۇش؛ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن كىشىلەردىن 50مىڭ ئادەمنى ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەرنى تۈگىتىش؛ يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلىگەنلەرنى 30مىڭ ئادەمگە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى 90مىڭ ئادەمگە يەتكۈزۈش؛ ھەر خىل كەسىپتىن تەربىيلەنگەن خادىملارنى بىر مىليون ئادەم ( قېتىم ) غا يەتكۈزۈش. شەھەر - بازارلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنى تۆت مىليون 490مىڭ ئادەم، شەھەر - بازارلاردىكى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنى ئالتە مىليون 560مىڭ ئادەم، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنى ئىككى مىليون 315مىڭ ئادەم، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنى ئىككى مىليون 550مىڭ ئادەم، تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنى ئىككى مىليون 410مىڭ ئادەمگە يەتكۈزۈپ، شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى مۇقىم ھالدا % 95تىن يۇقىرى بولۇش. ئەمگەك توختامى ئىمزالاش نىسبىتى % 95تىن يۇقىرى بولۇش. ئەمگەك كاپالىتى قانۇن ئىجراسى مەمۇرىي تەپتىشى ۋە ئەمگەك – كادىرلار ئىشلىرى ماجىرالىرىنى مۇرەسسە قىلىش ۋە كېسىم دېلو ئاخىرلاشتۇرۇش نىسبىتىنى % 90تىن ئاشۇرۇش. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر