باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى چاغان مەزگىلىدە ھاۋا سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى

پوجاڭزا ئېتىشنى مەنئىي قىلىش، پوجاڭزا ئېتىشقا چەكلىمە قويۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

2016.01.18 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ھاۋا سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىنى قوغداش ئۈچۈن، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى يېقىندا تارقاتقان« 2016 - يىللىق چاغان مەزگىلىدە پوجاڭزا ئېتىشنى مەنئىي قىلىش، پوجاڭزا ئېتىشقا چەكلىمە قويۇش توغرىسىدىكى خىزمەت فۇنكىسىيەسى»دە، جايلاردىن چاغان مەزگىلىدە پوجاڭزا ئېتىشنى مەنئىي قىلىش، پوجاڭزا ئېتىشقا چەكلىمە قويۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

  بۇنىڭ ئىچىدە چاغان مەزگىلىدە پوجاڭزا ئېتىشنى مەنئىي قىلىش، پوجاڭزا ئېتىشقا چەكلىمە قويۇش خىزمەت لايىھىسىنى ئىلمىي، ئۈنۈملۈك تۈزۈپ چىقىشنى، قىش پەسلىدە ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان ھاۋا رايىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پوجاڭزا ئېتىشنى مەنئىي قىلىش، پوجاڭزا ئېتىشقا چەكلىمە قويۇش باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھاۋا سۈپىتىنى ياخشىلاش نىشانىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. شۇنداقلا، جايلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، پوجاڭزا ئېتىشنى مەنئىي قىلىش، پوجاڭزا ئېتىشقا چەكلىمە قويۇش ۋاقتىنى ئېنىقلاپ، مەنئى قىلىنىدىغان رايون ۋە سورۇنى ئايرىپ ھەمدە ئېنىق بەلگە قويۇش كېرەك. پايدىسىز ھاۋا رايى شارائىتى مەزگىلىدە، تەكشۈرۈش قېتىم سانى ۋە سالمىقىنى زورايتىپ، پوجاڭزا ئېلىپ كەلگەن ھاۋا بۇلغىنىشىنى ئازايتىش كېرەك. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر