باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران يادرو مەسىلىسى بويىچە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى

خەلقئارا جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك قارشى ئالدى

2016.01.18 14:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىران يادرو مەسىلىسى بويىچە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمى 16-يانۋار رەسمىي ئىجرا قىلىندى. خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئورگىنى شۇ كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئىراننىڭ ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمنى ئىجرا قىلىشتىكى زۆرۈر تەييارلىق باسقۇچلىرىنى تاماملىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا ئارقىدىنلا ئىرانغا قارىتىلغان مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادىي ۋە پۇل-مۇئامىلە جازاسىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

  خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ باش خادىمى يۇكىيا ئامانو 16-يانۋار ۋيېنادا، يەر يۈزىدىكى تەكشۈرگۈچى خادىملارنىڭ تەكشۈرۈشى بىلەن، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ شۇ كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئىراننىڭ ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمنى ئىجرا قىلىشتىكى زۆرۈر تەييارلىق باسقۇچلىرىنى تاماملىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەنلىكىنى، مۇناسىۋەتلىك دوكلاتنىڭ ئورگان كېڭىشى ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە تاپشۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر