باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

«ياشلار پارتىيەسى» ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى

2016.01.18 13:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ب د ت باش كاتىپى بان كىمون ۋە ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشى 15-يانۋار ئايرىم بايانات ئېلان قىلىپ، سومالى «ياشلار پارتىيەسى»نىڭ شۇ كۈنى ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ بىر ھەربىي بازىسىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى. بان كىمون باياناتىدا ئەسەبىي تەشكىلات «ياشلار پارتىيەسى»نىڭ شۇ كۈنى ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ سومالىغا ئەۋەتكەن ئالاھىدە ئۆمىكىنىڭ سومالىنىڭ گايدو رايونىدىكى بىر لاگرىغا تېرورلۇق ھۇجۇمى قوزغىغانلىقىنى، نۆۋەتتە ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى ئېنىقلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بان كىمون بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئەيىبلەپ، ھۇجۇمنىڭ ب د ت بىلەن ئافرىقا ئىتتىپاقى ھەمدە ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ سومالىغا ئەۋەتكەن ئۆمىكىنىڭ سومالى خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنى بىرلىكتە قوللاش ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  خەۋپسىزلىك كېڭىشى تاراتقۇلارغا بەرگەن باياناتىدا قاتتىق سۆز-ئىبارىلەر بىلەن بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى ھەمدە ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ سومالىغا ئەۋەتكەن ئالاھىدە ئۆمىكىنىڭ سومالىدا تېرورىزىمغا زەربە بېرىش ۋە قوراللىق تەھدىتكە قارشى تىرىشچانلىقلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خەۋىپسىزلىك كېڭىشى ھەرقانداق شەكىلدىكى تېرورىزىمنىڭ خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە ئېلىپ كېلىدىغان ئەڭ ئېغىر تەھدىتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، زۆرۈر تېپىلغاندا «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيەسى» ھەمدە خەلقئارا قانۇنلاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، تېرورلۇق قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  سومالى «ياشلار پارتىيەسى» 15-يانۋار ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ سومالىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان گايدو رايونىدىكى بىر ھەربىي بازىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ نەچچە ئون ئەسكىرى قازا قىلدى. سومالى «ياشلار پارتىيەسى» «بازا» تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەسەبىي تەشكىلات. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سومالى ۋە قوشنا دۆلەت كېنىيەدە كۆپ قېتىم ھۇجۇم قوزغىغان. بۇ ئاشقۇن تەشكىلاتنى يوقىتىش ئۈچۈن كېنىيە، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ سومالىدىكى قىسىملىرى ھەمدە سومالى ھۆكۈمىتى بۇ تەشكىلاتقا قارىتا بىرقاتار ھەرىكەتلەرنى قوللانغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر