باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چەتئەللەردىكى شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت مۇھاجىر قېرىنداشلار سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا تەكلىپ قىلىندى

2016.01.18 13:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان يەرلىكنىڭ ئىككى يىغىنى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئېچىلىشقا باشلىدى. چەتئەللەردىكى شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت مۇھاجىر قېرىنداشلارنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقانلىقى تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

  قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇڭگولۇقلار، جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پەرھاد.مۇھەممەد بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 4-قېتىملىق يىغىنى تەكلىپ قىلغان چەتئەللەردىكى شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت مۇھاجىر قېرىنداشلارنىڭ بىرى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەن تەكلىپنى تاپشۇرۇۋېلىپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم ۋە ئىپتىخارلاندىم. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك تېز بولدى. چەتئەللەردە ياشاۋاتقان جۇڭگولۇق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىزنىڭ قەلبىمىز باشتىن ئاياغ ۋەتەنگە، شىنجاڭغا باغلىنىپ تۇرىدۇ. مەن شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن قولۇمدىن كېلىشىچە كۈچ چىقىرىشنى خالايمەن. پەرھاد.مۇھەممەد بىلەن بىرلىكتە تەكلىپ قىلىنغان يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىدىغانلار ئىچىدە يەنە پاكىستان جۇڭگولۇق ۋە جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار سودا بىرلەشمە جەمئىيىتى مەسئۇللىرىدىن بىرى ئابدۇقەييۇم.مىجىت، تۈركىيە جۇڭگو سودا جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى سابىر.بۇغدا ھەمدە ئامېرىكا ۋە رۇسىيەدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئىككى ئوقۇغۇچىمۇ بار.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 4-قېتىملىق يىغىنىنىڭ «مەدەنىيەت-سەنئەت، ئاخبارات نەشرىيات ، مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمىسى، تاشقى دوستلۇق ساھەسى»نىڭ گۇرۇپپىلار مۇزاكىرىسىدە، ئابدۇقەييۇم.مىجىدنىڭ باشتىن ئاياغ ئىنگلىزچە راۋان پىكىر بايان قىلغانلىقى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى.

  سابىر.بۇغدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قايتىپ بارغاندىن كېيىن، مەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تونۇشتۇرىمەن. شۇ يەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يۇرتىمىزنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىمەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن كىيىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش يەنە ئەمەلىي شارائىتلارغا ئاساسەن، تەكلىپ قىلىش دائىرىسى ۋە تەكلىپ قىلىنىدىغانلار سانىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر