- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىران: ئامېرىكىنىڭ يېڭى جازاسى قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەس
2016.01.19 14:16 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ھۈسەيىن جابىر ئەنسارى تۈنۈگۈن تېھراندا: ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى قورال-ياراق سودىسىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىغا قاراتقان يېڭى جازاسى قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەس دېدى.
ئەنسارى شۇ كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىغا قاراتقان يېڭى جازاسى قانۇن ۋە ئەخلاققا ئۇيغۇن ئەمەس.
ئەنسارى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھەر يىلى ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى دۆلەتلەرگە نەچچە ئون مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە قورال-ياراق سېتىپ بېرىدۇ. بۇ قورال-ياراقلار پەلەستىن، لىۋان، يەمەن قاتارلىق دۆلەت خەلقلىرىگە ئىشلىتىلمەكتە.
ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يېڭى جازا پەقەت بىر تەشۋىقات خالاس، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ يېقىندا ئىرانغا قاراتقان جازانى قىسمەن بىكار قىلىشنى قارار قىلغانلىقىغا بولغان تەنقىدى سادالارنى پەسەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر